بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

 ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتە زىيان ناھايتى زور بولدى.

     ئىيۇل ئېيىدىكى ئۈرۈمچى مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ يىغىلىدىغان پەسىل ئىدى. ئەمما، 5-ئىيۇلدىكى تەلۋىلەرچە ئۇرۇش ، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش ئۈرۈمچىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئىللىقلىقىنى بىردەمدىلا بۇزدى. شۇ كۈنى كەچتە، رەھىمسىز قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق مەيدانى، ئازادلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، يەنئەن يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، جىنيىن يولى، سىرتقى ئايلانما ۋە خەلقئارا چوڭ سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېمەي، گۇناھسىز ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سودا-ساراي، دۇكان،  ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، كۆيدۈرۈپ شەھەر مەمۇرىيىتى ، توك بىلەن تەمىنلەش،  قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلھەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى.

19-ئىيۇلغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 197 گە،  يارىلانغانلار 1700  گە يەتتى.  881  ئادەم دوختۇرخانىدا يەنىلا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 179  ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 66 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە.  سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە 719 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان  بولۇپ، كۆلىمى  21 مىڭ 353 كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغان دۇكان 331 بولۇپ، 29 ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، كۆلىمى 13 مىڭ 769 كۋادىرات مېتىرغا يىتىدۇ. يەنە  1325 ئاپتوموبىل كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت ئۈچىنچى بەت

«5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ زوراۋانلىق بەلگىسى

1. ئاشكارا جېدەل تېرىپ، يوشۇرۇن زوراۋانلىق قىلىش. ئاشكارا توپلىشىپ، جېدەل تېرىپ، دىققەتنى ۋە ساقچى كۈچىنى جەلپ قىلىپ، يوشۇرۇن زوراۋانلىق قىلىش.

2. نۇرغۇن نەق مەيداندا مەركەزلىك «پارتلاش». 5-ئىيۇل سائەت 21 دە، شىنجاڭ ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قۇيۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتى تەڭلا يۈز بەرگەن.

3. زوراۋانلىق قورالى ئالدىن تەييارلىنىپ، ۋەزىپە ئېنىق بۆلۈنگەن. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ كۆپنچىسى تاش، توقماق ۋە تۆمۈر كالتەك، پىچاق ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان  قورال قاتارلىقلار. بىر قىسم ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ۋە نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەر «ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇنداق تاش يوق، چوقۇم ئالدىن تەييارلىۋالغان» دېگەن. نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىپ، بىرلىكتە قوماندانلىققا بويسۇنغان. ھەربىر توپنىڭ كىچىك كاتتىبېشى بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئاياللار بۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپىنچە باشلامچىلىق، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان تەشكىلاتچىلىق رولنى قىلغان، ئەرلەر بولسا زوراۋانلىق قىلغان.

4. قەبىھ ۋاستە، مەخسۇس ئۇسۇل. كالتەك، تاش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىگۇناھ ئاممىنىڭ بېشىغا ئۇرۇش، ئاممىۋى قاتناش قورالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇپ، كەڭ كۆلەملىك مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى قوللانغان مۇھىم ۋاستە. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتى خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ماشىنا قۇرۇلمىسىغا تونۇشلىقىدىن، ماشىنا ھەيدەشكە پىششىقلىقىدىن مەخسۇس تەربىيلەنگەن ئالاھىدىلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن.

5. ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلىشتىكى نىيىتى ئېنىق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، ج خ قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىم تۇرۇشلۇق ئورۇن، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، مىللىي كادىرلار قورۇسى قاتارلىقلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇم نىشانىنىڭ بۇنداق تاللىنىشى بۇ ۋەقەنىڭ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى، نىيتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

 
  رابىيە  

 

 

  

   
     

     يالغاننى  ئويدۇرۇپ، قايمۇقتۇرۇش

     قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رابىيە ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش «تىنىچ نامايىش»نىڭ «ئىسپاتى» دەپ ئاتىۋالغان سۈرەتنى كۆرسەتتى. بۇ سۈرەت ئەمەلىيەتتە خۇبىي ئۆلكىسى شىشوۋ شەھىرىدىكى توپلىشىۋېلىش ۋەقەسىگە دائىر سۈرەت. 7-ئېيۇل«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» جۇڭگونىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا نامايىش قىلغاندا ئۈرۈمچىدىكى «كوچىدىكى زوراۋانلارچە باستۇرۇش» نى كۆرسەتكەن سۈرەتنى كۆتۈرۈپ چىققان. ئەمەلىيەتتە بۇ جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىدە 15-مايدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى.

 

     رابىيە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان سۈرەت خۇبېي ئۆلكىسى شىشوۋ شەھىرىدىكى توپلىشىۋېلىش ۋەقەسىدىكى نەق مەيدان  سۈرىتى

 

   «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىشلەتكەن يالغان سۈرەت  ئەمەلىيەتتە  15-ماي جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى بولۇپ، بۇ ۋەقەدە بىر BMW ماشىنا بىلەن ئېلېكترونلۇق ماشىنا سوقۇلۇپ كېتىپ،  ئېلېكترونلۇق  ماشىنىدىكى ئائىلە كىشلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

 

  رابىيە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان سۈرەت خۇبېي ئۆلكىسى شىشوۋ شەھىرىدىكى توپلىشىۋېلىش ۋەقەسىدىكى نەق مەيدان  سۈرىتى

 

   «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىشلەتكەن يالغان سۈرەت  ئەمەلىيەتتە  15-ماي جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىدە  يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى بولۇپ، بۇ ۋەقەدە بىر BMW ماشىنا بىلەن ئېلېكترونلۇق ماشىنا سوقۇلۇپ كېتىپ،  ئېلېكترونلۇق  ماشىنىدىكى ئائىلە كىشلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

       
   باش بەتكە قايتىش بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت ئۈچىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved