بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

ئامما دۈشمەندىن نەپرەتلەندى

     ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرىكىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. دۆلەت ئىچىدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلىرى بولسۇن ياكى چەتئەلدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بولسۇن،  ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ،   ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدىغان» لىقىدەك قەلب سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى. ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسى دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقىتى ۋە يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئاكتىپ ھەرىكەتلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، ۋەتەننى پارچىلاشقا قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم پولات سېپىل قۇرۇپ چىقتى.

 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت

 

       تارىخ شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت  پۈتۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا، ئىشلار يۈرۈشۈپ خەلق پاراۋان بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر مىللەتنىڭ ئىتتپاقلىشىشى ئاستىدىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ ئاساسىي مەنپەئىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. مىللەتلەر ياخشى ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز تېزلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىغە كۆپ نەپ يېتىدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، جەمئىيەت  مۇقىمسىزلىشىپ، تەرەققىيات توختاپ، ھەر مىللەت خەلقىنى پالاكەت باسىدۇ.

   

16-ئىيۇل، قوراللىق قىسىمنىڭ قومۇل تارماق ئەترىتى قۇمۇل شىخې رايونى ئايا كەنتىدە ھەقسىز دىئاگنوز قويۇش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تازىلىق ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 

  14-ئىيۇل، يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەمىدە غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى كەنتىدە خالىسانە تەشۋىقاتچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

   

  -ئىيۇل، شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار  پويىزدىن چۈشۈپ، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى.

 

  2009-يىلى 16-ئىيۇل، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ زور نەتىجىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق غەرەز چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ-دەپ كۆرسەتتى.

     

  2009-يىلى 14-ئىيۇل، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى 21 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، دەپ كۆرسەتتى.

 

2009-يىلى 11-ئىيۇلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، بۇ ھازىرقى جۇڭگونىڭ تارىخىي ئېقىمى، بۇ ئېقىمنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ-دېدى.

   

 

  2009-يىلى12-ئىيۇلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر قانداق دۈشمەن كۈچنىڭ دۆلەتنى پارچىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئامما دۈشمەندىن نەپرەتلەندى

     

  12-ئىيۇل، قۇمۇل شەھىرىدىكى دىنىي زاتلار «5-ئىيۇل» قانۇنغا خىلاپ جىنايى زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» تەك ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

 

  7-ئىيۇل، قەشقەر قۇمدەرۋازا مەھەللىسى كونا شەھەر ئاھالىسىنى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە ئائىت تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈردى

   
   

  11-ئىيۇل، قورغاس ناھىيىسىدىكى پارتىيىلىك كادىرلار، يېزا ئاھالىلىرىگە «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سۆزلىدى.

           

       ئادەمنى ئاساس قىلىش، قېپقالغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن بىر تەرەپ قىلىش

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنى تىنجىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قېپقالغان ئىشلارنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئامما ۋاقتىدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە قۇتقۇزۇلدى، زور مىقداردا نەپىقە پۇلى بېرىلدى.

     

  10-ئىيۇلغىچە،«5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە دائىر قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلارنى قوبۇل قىلدى، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مۇقىم ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

 

20-ئىيۇل،«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان ما يەنمىڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، سۇغۇرتا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى بەردى. 

   

  15-ئىيۇل، قازا قىلغانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىلى«5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە دائىر قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا لەۋھە تەغدىم قىلدى

 

  9-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى يەر شارى مېھمانسارىيىدا «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە دائىر قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تالاپەت يەتكەنلەرنىڭ ئائىلە –تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلىش، مال-مۈلۈك  زىيىنىنى ئېنىقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك خىزمەتلەرنى  قانات يايدۇردى.بىگۇناھ ئۆلگەن ئاممىنىڭ ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان  بىر قېتىملىق 200 مىڭ يۈەن ئالاھىدە نەپىقە پۇلى، 10 مىڭ يۈەن دەپنە ياردەم پۇل. 10 مىڭ يۈەن ھال سوراش سوممىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ئىئانە قىلىنغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆز ئارا ياردەم فوندى» دىن 200 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل بولۇپ ئومۇمىي سومما 420 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     

  14-ئىيۇل، تيانشان رايونلۇق جيەنچۈەن مەھەللىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سانى» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پلاكاتىنى چاپلىدى.

 

  13-ئىيۇل، سايباغ رايونلۇق قىزىل بۇتخانا (خوڭمياۋزى) مەھەللىسى ئىش بىجىرىش ئورنى پىڭدىڭشەن مەھەللىسىدىكى خادىملار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى ئىشلىدى.

   

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خادىملىرى داۋانچىڭ مەسچىتىدە سىياسەت تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى

 

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خادىملىرى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىدىن ئەھۋال ئېگىلىدى

     

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خادىملىرى تيانشان رايونلۇق خېپىيڭلۇ يولى گۇيۈەنگاڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىگە پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلدى.

 

  3-سېنتەبىر، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات ئۆمىكى ئوتبېشى يېزىسى سۆگەتتېرەك كەنتىدە مىللىي سىياسەتنى تەشۋىق قىلدى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى كىچىك مېۋىلىك باغقا لىق تولدى. تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ئارقىلىق ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا جەمئىيەتتە تېنچلىق بولمايدىكەن-دېيىشتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     

  15-ئىيۇل، پىدائىيلار تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇلازىمەت ئورنىغا يېتىپ كەلدى. ھازىرغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە دائىر خەير-ساخاۋەت مۇلازىمىتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەنگەن پىدائىيلار 3700 دىن ئېشىپ كەتتى.

 

  22-ئىيۇل، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە دائىر يېشى ئەڭ چوڭ 71 ياشلىق پىدائىي شياڭ زېڭشۈن (سولدىن بىرىنچى) كوچىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

     
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved