بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ
خەتەرلىك پەيت قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت
5-ئىيۇل ئاخشىمى، ئۇشتۇمتۇتلا كەلگەن ئاپەت ئالدىدا ھەر مىللەتتىن بولغان قېرىنداش ئاچا-سىڭىللار خەتەرلىك ئەھۋالدا، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، مەردانىلارچە زوراۋان كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پولات سېپىلىنى قۇردى. بۇنداق پاجىئەلىك كۆرەش سىنىقىدا، ھەر مىللەت ئاممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە قارارى بويىچە، ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ قىلچە تەۋرەنمىدى.
«5-ئىيۇل»ۋەقەسىدە، ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان قېرىنداشلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان تەسىرلىك ھىكايىلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. 81 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي خەمىت ئەخمەتنىڭ ئۆز تېنى ئارقىلىق زوراۋانلارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ، خەنزۇ قېرىنداشنى قۇتقۇزۇپ قاغانلىقى سانسىزلىغان قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭقۇر ئىپادىلىنىشى.
81 ياشلىق، ئۇيغۇر بوۋاي ھامۇت خەمىت ئۆز تېنى ئارقىلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، 18 خەنزۇ قېرىنداشنى قەھرىمانلارچە قۇتقۇزۇپ قالدى. خەمىت بۇۋاي دائىم: «مەيلى خەنزۇ بولسۇن ياكى ئۇيغۇر بولسۇن، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەممىمىز ياخشى ئۆتىشىمىز كېرەك» دەيدۇ
5-ئىيۇل ئاخشىمى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 36 نەپەر ئاممىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
5-ئىيۇل ئاخشىمى، ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتىنىڭ 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان مەمەت رېھىم ۋە خىزمەتچىسى جۈرئەت، ياسىنلار بىرلىكتە قانونسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ يارىلانغان 20 نەچچە نەپەر ئاممىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
5-ئىيۇل ئاخشىمى، ئىتتىپاق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئورگىنى مۇلازىمەت مەركىزىدىكى گۈلمىرە ئۆز دادىسى- ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، جۇرىنى ھامۇتجان مامۇت بىلەن بىللەت ئون نەچچە نەپەر خەنزۇ ئاممىسىنى باتۇرلارچە قۇتقۇزۇپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دىن 1-باشقارمىسىدا ۋەزىپىلىك چېنىقىۋاتقان يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ھوشۇر(سولدا) 5 -ئىيۇل چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتىدىن تاكى ئەتىسى سەھەر سائەت بىرگىچە، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، قانۇنسىز ئۇنسۇرلاغا زوراۋانلىق قىلماسلىق تۇغرىسىدا يولبۇيى نەسىھەت قىلىپ ماڭدى، ھەمدە يارىلانغان ئەسكەر،ئاممىغا ياردەم قىلدى ۋە ئۇلارنى قوغدىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزى قۇتقۇزۇۋالغان ئاممىنى يوقلاپ كەلدى.
5-ئىيۇل سائەت 20:00 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن 6-ئىيۇل سائەت 8:00 گىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئون نەچچە سائەت ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭ سەنئەت تىياتىرخانىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر،ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلانىڭ تىياتىرخانىغا بىر قەدەممۇ ئاتلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى، 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىرىمۇ يارىلانمىدى، 70 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل مۇكەممەل،ياخشى ساقلاندى
5-ئىيۇل ئاخشىمى ،شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 15 نەپەر ئاممىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىش
5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ش ئۇ ئا ر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلار دەرھال تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن مىنۇت ــ سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.
ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىۋاتقان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش جېڭىدە، دوختۇرلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ،ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى يېزىپ چىقتى.
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved