|
|
|
دۇختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان زەخىملەنگەن كىشىلەر |
|
10-ئىيۇل، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرىستېتى بىرىنچى
تارماق دوختۇرخانىسى «سۆيگۈ ئەلچىلىرى» پىدائىيلار
كۈتۈش ئەترىتى قۇرۇپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە
يارىلانغانلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. |
|
|
|
دۇختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان زەخىملەنگەن كىشىلەر |
|
لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى
پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ |
|
|
|
ئېغىر يارىلانغان ھوشسىز يارىدار، بىڭتۇەن
دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە
داۋالىنىۋاتىدۇ.
|
|
9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق
دوختۇرخانىسىدىكى پسىىخولوگ ئانا-بالىلار ساقلىقنى
ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە قورقۇپ
كەتكەن دوختۇر خادىملارغا پىسخىكىلىق جەھەتتىن
يېتەكچىلىك قىلدى. |
|
|
|
«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغان
بالا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. |
|
15-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئازادلىق يولى
23-دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان يەن سەيلۇ
دوختۇرخانىدىن چىققاندا تېلېفون ئارقىلىق
ئامانلىقىنى يەتكۈزدى. |
|
|
|
12-ئىيۇل، تارباغاتاي رايونىدىكى 21
مېھرىبان ئانا «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە بالاغا ئۇچرىغان
ئاممىغا 2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. |
|
14-ئىيۇل، 70 ياشلىق ئويغۇر بوۋاي
ۋارىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى، قىزى شىنجاڭ پاراۋانلىق
باش جەمئىيىتىگە بېرىپ 1000 يۈەن ئىئانە قىلدى. |
|
|
|
14-ئىيۇل خۇالىڭ گۇروھى ۋە
خۇالىڭ گۇروھىدىكى سودىگەرلەر «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاممىغا 1 مىليون
300 مىڭ يەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. |
|
9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن كوچىسى قاتناش
رايونىدىكى ئالىم(سولدا)، ئىليار
( ئوتتۇرىدا) ،
تۇرغۇن (ئوڭدا) ئۈچ ئاكا-ئۇكا جەمئىي 600
مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلدى |
قېرىنداشلىق
«تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش، ھەر
مىللەت خەلقى قەلبداش.» شىنجاڭدا ئېيتىلىدىغان
بۇناخشىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
مۇستەھكەم ئىتتىپاقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى قان
ئىسكىلاتىنىڭ جىددىي مۇراجىتى بىلەن ھەر
مىللەت ئاممىسى، ھەر ساھەدىكى زاتلار جىددىي
ھەرىكەتكە كېلىپ قان تەقدىم قىلدى. ئۇلار ئارىسىدا
ئاددىي شەھەر ئاھالىلىرى،قوراللىق قىسىم
ئەسكەرلىرى، ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار
ئىدى... ئۇلار تولۇپ-تاشقان مېھىر-مۇھەببىتى
ئارقىلىق يارىدار ئاممىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ،
يارىدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا
تەسەللىي بەردى.
مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، شىنجاڭنىڭ ھەر
قايسى تارماق، ئورگانلىرىدىكى، ھەر مىللەت، ھەر
ساھەدىكى ئامما ئاكتىپ ھالدا«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە
يارىلانغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم تەقدىم قىلدى. سۆيگۈگە
تولغان قەلبلەر سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن
يارىدارلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە، تېزراق
گۈزەل تۇرمۇشىنى باشلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. |
|
|
|
17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ
رايونى ئاقسۇ يېزىسىدىكى 16 نەپەر قازاق
مۇھاجىرلارنىڭ بالا-چاقىسى ئۈرۈمچى قان مەركىزىگە
بېرىپ قان تەقدىم قىلدى. |
|
7-ئىيۇل، سائەت 14:00 لەردە، نەنخۇ قان تەقدىم قىلىش
پونكىتىغا قان تەغدىم قىلغىلى كەلگەن شەھەر
ئاھالىلىرىدىن ئۇزۇن سەپ
تۈزۈلگەنىدى. ئېگىللىنىشىچە، ئەتىگەن سائەت 11:00 دىن كەچ سائەت
5:00 كىچە، خەنزۇ، خۇيزۇ،
موڭغۇل، قازاق قاتارلىق 106 نەپەر ھەر مىللەت
ئاممىسى 45 مىڭ مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلغان، يەنە
70 كىشى قان تەقدىم قىلىشنى كىلىشىپ
قويدى. سۆرەتتە : بەش قېتىم قان تەقدىم قىلىپ بولغان
جاڭ خۇي قان تەقدىم قىلماقتا. |
|
|
|
قىزىل بۇتخانا(خوڭمياۋزى) پىڭدىڭشەندە ئولتۇرۇشلۇق
ئامىنە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاھىدە
ساقچىلارغا ئۆزى پىشۇرغان كاۋاپنى ئېلىپ كەلدى. |
|
9-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىسى ۋەزىپە ئىجرا
قىلىۋاتقان قوراللىق قىسىم ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىدىن
ھال سورىدى |
|
|
|
-ئىيۇل، ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمۇد
دامۇللا قاتارلىق دىنىي زاتلار قوراللىق قىسىم
ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى |
|
10-ئىيۇل، مەملىكەتلىك ئارمىيىنى
ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى ياقۇپ قاھار ۋە ئايالى
نۇرنىسا ھىسامىدىن بىرلىكتە قوراللىق قىسىم
ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى |
|
|
|
قوراللىق ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش
ئارلىقىدا، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايدىكى،
رىشاتكىلارنى تازىلاپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى. |
|
7-ئىيۇل، قۇراللىق قىسىمنىڭ شىنجاڭدا
تۇرۇشلۇق ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جەنۇبىي
ئازادلىق يولىدا خەلقنى سۆيۈش، خەلققە ياردەم بېرىش
پائالىيىتى جەريانىدا داۋالىنىۋاتقان قوبۇل
قىلىۋاتقان خاسىيەت ئابدۇرېھىم كۆزىگە ئىسسىق ياش
ئالغىنىچە، تىترىگەن ئاۋازى بىلەن «كوممۇنىستىك
پارتىيىگە رەھمەت، قوراللىق ساقچى
ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرگە رەھمەت» دېدى. |
|
|
|
7-ئىيۇل، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:30 دا، ئاپتونوم
رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش
يىغىنى ئېچىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ئەھۋالىدىن خەۋەر
بەردى. |
|
جۇڭگو-چەتئەللىك تاراتقۇ
مۇخبىرلىرى «5-ئىيۇل»ۋەقەسى ئاخبارات مەركىزىدە
ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ. |
ۋاقتىدا ئېنىق بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا توغرا بولۇش
«5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم
رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن نوپۇزلۇق
ئۇچۇر بەردى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى
جۇڭگو-چەتئەل چەتئەللىك تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى
ئەھۋالدىن ئەينەن خەۋەر بېرىشكە تەشكىللەپ
ئورۇنلاشتۇردى. تېزلىكتە «5-ئىيۇل» ۋەقەسى
ئاخبارات مەركىزى
قۇرۇپ، تاراتقۇ (ئاخبارات ۋاستىلىرى) لارغا
قولايلىق يارىتىپ بەردى. جەمئىي 29 دۆلەت ۋە
رايوننىڭ 174 ئاخبارات ئورنى، 486
نەپەر مۇخبىرى نەق مەيداندا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە
چەتئەل تاراتقۇلىرى 121،247 ئادەم، شىياڭگاڭ،
تەيۋەن تاراتقۇلىرى 27،64
ئادەم.
خەلقئارا جامائەتچىلىك ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چەتئەل
مۇخبىرلىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا،
نوپۇزلۇق ئۇچۇر بېرىشىگە يول قويغانلىقىغا ياخشى
باھا بەردى ھەم ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى
جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق
ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ۋە
ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىش
بىلەن بىللە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي
ئەھۋالنى چۈشىنىشىگىمۇ ياردىمى بولىدۇ، دەپ
كۆرسەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەقە يۈز بەرگەندىن
كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ ئاخبارات خادىملىرى
توغرا مەيداندا قەتئىي تۇرۇپ، بۇرچىنى ياخشى ئادا
قىلىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ئاپتونوم
رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاۋازىنى ئاممىغا ۋاقتىدا
يەتكۈزۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئولىيەتچانلىقىنى
ئىپادىلىدى؛ ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ
ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىرلىرى تەھرىرلەر ۋەقەنىڭ
ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە دەل ۋاقتىدا
ئاممىغا يەتكۈزۈپ، يۈكسەك كەسپىي روھىنى نامايەن
قىلدى. |
|
|
|
چەتئەللىك مۇخبىر ئاخبارات مەركىزىدە ئالدىراش
ئاخبارات يېزىۋاتىدۇ. |
|
چەتئەللىك مۇخبىر «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە نەق مەيدان
زىيارىتىدە |
|
|
|
10-ئىيۇل گېرمانىيە تېلېۋىزىيە
2-ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ
بازار ئەتراپىدا زىيارەتتە
|
|
8-ئىيۇل، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:30 دا، ئاپتونوم
رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش
يىغىنى ئېچىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ئەھۋالىدىن خەۋەر
بەردى. |
|
|
|
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى
ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدا سوئال قويۇۋاتىدۇ |
|
چەتئەللىك مۇخبىر ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدا
سوئال قويۇۋاتىدۇ |
|
|
|
7-ئىيۇل، 160 تىن ئارتۇق جۇڭگو-
چەتئەللىك مۇخبىر خەيدې مېھمانسارىيىدا
ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىغا قاتناشتى. |
|
|
|
|
|
|