بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

سادىق قوغدىغۇچى  خاتىرجەملىكنى قايتا قۇرۇپ چىقىش

«5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەڭ جامائەت خەۋپسزلىك ساقچىلىرى ،قوراللىق قسىم ساقچى –ئوفېتسىرلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداپ، زەخمىلەنگەن ئاممىنى قۇتقۇزۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى تۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەقەنى تىنجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا زور تۆھپە ياراتتى. ساقچى-ئوفېتسىرلار سىرتلاردا تۈنەپ، ئۈلۈمدىن قورقماي جېنىنى پىدا قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ئىللىقلىق ۋە بىخەتەرلىك ھېس قىلدۇرۇپ، كىشلەرنىڭ خاتىرجەم، ئىناق جەمئىيەتنى قايتا بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.

 

 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت
   

«5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومېتىت باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىسسارى خۇجىنتاۋ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلار زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەلدى.

 

9-ئىيۇل، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت، گوۋۇيۈەن ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭغا كېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە : جو يوڭكاڭ لەنجۇ ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىدا زەخمىلەنگەن قوراللىق جەڭچى ليۇ جىڭخۇينى يوقلىدى.

 

 10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون «5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە بىرلىشىپ قوماندانلىق قىلىش بۆلۈمىدە يىتەكلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى.
 

 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومېتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 17-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دە مۇھىم تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ئېنىق تەلەپ قويدى. كۆپچىلىكتىن دۈشمەنگە ئالدانماسلىقىنى، كوچىدا تىركىشىپ تۇرماسلىقىنى، دەرھال خىزمەت ئورنىغا ۋە ئائىلىسىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

 
  8-ئىيۇل، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى مېڭ جيەنجۇ مەخسۇس شىنجاڭغا كىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى. مېڭ جيەنجۇ ئۈرۈمچىدە تەرتىپ ساقلاۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى.  

2009-يىلى 28-ئىيۇلدىن 31-ئىيۇلغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشىيوڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمغا بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ قوماندانلىق قىلدى.

 

 2009-يىلى 21-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى  شۈ سەيخوۋ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم كوماندىر-جەڭچىلىرىنى يوقلىدى.     7-ئىيۇل، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،ئاپتونۇم رايون رەئىسى نۇر بەكرى لەنجۇ ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە يارىلانغان بىگۇناھ ئامما ، قوراللىق قىسىم ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلارنى يوقلىدى.
 

6-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونۇم رايون كادىرلار چوڭ يىغىنى ئېچىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ھەر تەرەپلىمىلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

    باتۇر قەيسەر خەلق قوغدىغۇچىسى
 
    خەلق ساقچىلىرى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا تېزدىن يىتىپ كەلدى.  

خەلق ساقچىلىرى  ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بۈسۈپ كىردى.

 

قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.

   قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار  ئوت يېقىۋەتكەن ماشىنىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
 

قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار  ئوت يېقىۋەتكەن ماشىنىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

    قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.
 
  قوراللىق قىسىم ئوفېتىسر-جەڭچىلىرى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش،  كۆيدۈرۈش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلىۋاتىدۇ.     قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ كىلىپ، تەرتىپ ساقلىدى.
 

5-ئىيۇل سائەت 21 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش 2-ئەترىتى جىنيىن سېرىك ئۆمىكى يېنىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن كوچا ئاپتوبوسىدىكى 35 نەپەر ھەر مىللەت ئاممىسىنى قۇتقۇزۇپ، بىخەتەر ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇردى.

 

قوراللىق قىسىم ئوفېتىسر-جەڭچىلىرى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلىۋاتىدۇ.

     
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved