بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتە زىيان ناھايتى زور بولدى.

     ئىيۇل ئېيىدىكى ئۈرۈمچى مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ يىغىلىدىغان پەسىل ئىدى. ئەمما، 5-ئىيۇلدىكى تەلۋىلەرچە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش ئۈرۈمچىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئىللىقلىقىنى بىردەمدىلا بۇزدى. شۇ كۈنى كەچتە، رەھىمسىز قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق مەيدانى، ئازادلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، يەنئەن يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، جىنيىن يولى، سىرتقى ئايلانما ۋە خەلقئارا چوڭ سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېمەي، گۇناھسىز ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سودا-ساراي، دۇكان،  ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، كۆيدۈرۈپ شەھەر مەمۇرىيىتى ، توك بىلەن تەمىنلەش،  قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلھەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى.

19-ئىيۇلغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 197 گە،  يارىلانغانلار 1700  گە يەتتى.  881  ئادەم دوختۇرخانىدا يەنىلا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 179  ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 66 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە.  سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە 719 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان  بولۇپ، كۆلىمى  21 مىڭ 353 كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغان دۇكان 331 بولۇپ، 29 ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، كۆلىمى 13 مىڭ 769 كۋادىرات مېتىرغا يىتىدۇ. يەنە  1325 ئاپتوموبىل كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

 

 
 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت
 

قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلانى تارقاتماقتا.

 

خەلق ساقچىلىرى  ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بۆسۈپ كىردى.

 

5-ئىيۇل، سائەت 21 دىن39 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر سىرتقى ئايلانما تولى خەلقئارا چوڭ بازار يېنىدا، يارىلانغان خەلق ئاممىسىنى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

 

5-ئىيۇل، سائەت 23 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ئوفېتسىر-جەڭچىلەر جوخۇي مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بىناسىنىڭ ئۈستىگە قامىلىپ قالغان 40 دىن ئارتۇق ئاممىنى غەلبىلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى.

 

  5-ئىيۇل سائەت 21 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش 2- ئەترىتى جىنيىن سېرىك ئۆمىكى يېنىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن كوچا ئاپتوبوسىدىكى 35 نەپەر ھەر مىللەت ئاممىسىنى قۇتقۇزۇپ، بىخەتەر ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇردى.

 

قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدىن يارىلانغان خەلق ئاممىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

 

  6-ئىيۇل سەھەردە، قوراللىق ئوفېتىسر-جەڭچىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن خەلق ئاممىسىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

 

  16- ئېيۇل تو تۈنخى ھەق ئېلىش پونكىتىدا، ئۈرۈمچى غەربىي باش ئەترەت ساقچىلىرى يېغىۋېلىنغان پىچاق، توقماق قاتارلىق زوراۋانلىق قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ رەتلىمەكتە.

 

  16- ئېيۇل تو تۈنخى ھەق ئېلىش پونكىتىدا، ئۈرۈمچى غەربىي باش ئەترەت ساقچىلىرى يېغىۋېلىنغان پىچاق، توقماق قاتارلىق زوراۋانلىق قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ رەتلىمەكتە.

    ج خ ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندىرىنى قولغا چۈشۈردى.
 

  جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرگەندە، پۇقرالار بارىكاللا ئېيتتى. 3-ئاۋغۇستقىچە، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە 718 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى توختىتىپ قويدى. تەپتىش ئورگانلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى  83 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە تۇتۇش بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى.

     ج خ ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندىرىنى قولغا چۈشۈردى.
 

 كەچقۇرۇن، قوراللىق ئوفېتسىر-جەڭچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا چارلاش ئېلىپ باردى.

    ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى نۆۋەتچىلىككە ئاتلاندى.
 
  خەلق ساقچىلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ  

  17-ئىيۇل، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قوراللىق قىسىم ئۈرۈمچى تارماق ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋەن جىنگاڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

 

 بىر خەلق ئايال ساقچىسى، ئالاھىدە قىسىم ساقچىسى ۋە قوراللىق ساقچى تومۇز كۈندە چارلاش ئېلىپ بارماقتا.

   قوراللىق ئەسكەرلەر خەلقنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىنى قوغدىماقتا.
 

17-ئىيۇل، ۋەن جىنگاڭ ھايات ۋاقتىدا ياردەم قىلغان 94 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئايشەمخان ۋە ئوغلى جۈمە قەھرىماننى ئۇزاتقىلى كەلدى.

 

قوراللىق ئەسكەرلەر ۋەزىپە ئۆتەش ئارلىقىدا تاماق يەۋاتىدۇ.

 

 10-ئېيۇل، يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاڭ زىچېڭنى ئاپىسى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسمىدىكى دادىسىنى كۆرگىلى ئاپاردى. ئەسكەرلەر ۋاڭ زىچېڭنى بەس-بەستە تالىشىپ ئويناتماقتا.

 

بىر قوراللىق ساقچى ئەسكىرى ئارلىقتىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىگە خەت يېزىۋاتىدۇ.

 

   ئارام ئېلىش ئارلىقىدا

 

  ئىشەنچكە تولغان تەبەسسۇم

     
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved