بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتە زىيان ناھايتى زور بولدى.

     ئىيۇل ئېيىدىكى ئۈرۈمچى مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ يىغىلىدىغان پەسىل ئىدى. ئەمما، 5-ئىيۇلدىكى تەلۋىلەرچە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش ئۈرۈمچىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئىللىقلىقىنى بىردەمدىلا بۇزدى. شۇ كۈنى كەچتە، رەھىمسىز قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق مەيدانى، ئازادلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، يەنئەن يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، جىنيىن يولى، سىرتقى ئايلانما ۋە خەلقئارا چوڭ سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېمەي، گۇناھسىز ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سودا-ساراي، دۇكان،  ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، كۆيدۈرۈپ شەھەر مەمۇرىيىتى ، توك بىلەن تەمىنلەش،  قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلھەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى.

19-ئىيۇلغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 197 گە،  يارىلانغانلار 1700  گە يەتتى.  881  ئادەم دوختۇرخانىدا يەنىلا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 179  ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 66 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە.  سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە 719 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان  بولۇپ، كۆلىمى  21 مىڭ 353 كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغان دۇكان 331 بولۇپ، 29 ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، كۆلىمى 13 مىڭ 769 كۋادىرات مېتىرغا يىتىدۇ. يەنە  1325 ئاپتوموبىل كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

 

 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت
   

  9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش لىنىيىسى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال قاتناش ھالىتىگە ئۆتتى.

 

22-ئىيۇل، ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى. چەتئەللىك ساياھەتچىلەر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاۋاتىدۇ.

 

جۇدۇن-چاپقۇندىن كېيىنكى تەبەسسۇم

      جۇدۇن-چاپقۇندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقى تېنچ ۋە ئاسايىش ھالىتىگە قايتتى. كوچىلاردا ماشىنىلار موكىدەك ئۆتۈشكىلى تۇردى، سودا ساراي ۋە بازارلار ئادەم بىلەن تولدى. ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرىمۇ نورمال ھالىتىگە قايتتى.

      «تەتۈر چىققان شامال تەڭرىتېغىنى ئۆرۈۋېتەلمەيدۇ، بىر مەھەل ياغقان مۆلدۈر يايلاقنى ھەرگىزمۇ نابۇت قېلىۋېتەلمەيدۇ!» بوران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 

  9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇجۇ يولى ئاسما كۆۋرۈك قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئىشچىلار كۆۋرۈك گۇندىسى پولات قېلىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

   
 

  9-ئىيۇل، تىجارەتنى 3 كۈن   توختاتقان ئۈرۈمچى چېگرا رايون خەلقئارا سودا سارىيى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

 

   شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل تاللاۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى جوخۇي ئاپتوموبىل مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىكى مەسئول خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،13  -ئىيۇل تىجارەت ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان 23 ئاپتوموبىل سېتىلغان.

   

 

  دەسلەپكى تۈركۈمدە 1200 توننا مەركىزىي زاپاس گۆش بازارغا سېلىندى. 13-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبىي يولى جەنۇبىي باغچا ئېغىزىدا، شەھەر ئاھالىلىرى تەكسە باھالىق قوي گۆشى سېتىۋالماقتا.

 

15-ئىيۇل، ياش پىدائىيلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي يولۇچى توشۇش گراژىدا يولۇچىلارنىڭ ماشنىغا چىقىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

     

  22-ئىيۇل، شېنياڭ سەنيى ئېغىر تىپلىق ماشنا يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدىكى تېخنىكلار خېرىدارلارغا كۆرگەزمە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇ كۈنى، 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 238 ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە كارخانىلار ئەڭ كۆپ قاتناشقان كۆرگەزمە بولدى.

 

بۇيىل باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئېكىسپورت قىلغان يېزا ئېگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلات مىقدارى يېڭى پەللە ياراتتى. ئېمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 318 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. نۆۋەتتە ئېكىسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. 

     

  19-ئىيۇل، سائەت 20:00 دىن ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى تيانشان رايونى خېيجياشەن بېيۋەن كوچىسى نەنجيۇشياڭدىكى بالىلار ئويناۋاتىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئانا ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا سالقىنداۋاتىدۇ. تۇرمۇشنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ساياھەتكە، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا چىقتى. 

     

  قىزچاق ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن) شىنخۇا كىتابخانىسىدا كىتاب تاللاۋاتىدۇ

 

  21-ئىيۇل ئاخشىمى، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار «1-ماي» نۇرلۇق كەچلىك بازىرىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلدى

     

  21-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى شۇيموگۇ رايونىدا «ھەممە يەردە ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلىسۇن» تېمىسىدىكى كۈندۈزلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى يىكەن كۆل (نەنخۇ) شەھەر ئاھالىسى مەيدانىدا باشلاندى.

    بىر ئائىلىلىكلەر
     
   بىر ئائىلىلىكلەر   «بىر ئائىلىلىك»ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتىش
     
  ئەتىگەنلىك چېنىقىش     شادىيانە ئۇسسۇل
     
     بىر ئائىلىلىكلەر        بىر ئائىلىلىكلەر
     
  شادىيانە ئۇسسۇل    
     
   باش بەتكە قايتىش   بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved