بەت ساقلاڭ | باش بەت قىلىڭ | تەھرىر خەت ساندۇقى | ئالاقىلىشىڭ   

 

 

    19-ئىيۇلغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 197گە، يارىلانغانلار 1700 گە يەتتى. 881 ئادەم دوختۇرخانىدا يەنىلا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 179 ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 66 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە.  سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە، 719 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ،  كۆلىمى  21 مىڭ 353 كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغان دۇكان 331 بولۇپ، 29 ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، كۆلىمى  13 مىڭ 769 كۋادىرات مېتىرغا يىتىدۇ. يەنە 1325  ئاپتوموبىل كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

 

ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتە زىيان ناھايتى زور بولدى.

     ئىيۇل ئېيىدىكى ئۈرۈمچى مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ يىغىلىدىغان پەسىل ئىدى. ئەمما، 5-ئىيۇلدىكى تەلۋىلەرچە ئۇرۇش ، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش ئۈرۈمچىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئىللىقلىقىنى بىردەمدىلا بۇزدى. شۇ كۈنى كەچتە، رەھىمسىز قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق مەيدانى، ئازادلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، يەنئەن يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، جىنيىن يولى، سىرتقى ئايلانما ۋە خەلقئارا چوڭ سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېمەي، گۇناھسىز ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سودا-ساراي، دۇكان،  ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، كۆيدۈرۈپ شەھەر مەمۇرىيىتى ، توك بىلەن تەمىنلەش،  قاتناش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلھەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى.

19-ئىيۇلغىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 197 گە،  يارىلانغانلار 1700  گە يەتتى.  881  ئادەم دوختۇرخانىدا يەنىلا داۋالىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 179  ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 66 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئۈستىدە.  سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە 719 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان  بولۇپ، كۆلىمى  21 مىڭ 353 كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغان دۇكان 331 بولۇپ، 29 ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، كۆلىمى 13 مىڭ 769 كۋادىرات مېتىرغا يىتىدۇ. يەنە  1325 ئاپتوموبىل كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

 

 

 

 
 
    1- بۆلۈم
    2- بۆلۈم
    3- بۆلۈم
    4- بۆلۈم
   باش بەتكە قايتىش بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت ئۈچىنچى بەت
   

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن بىر قىسىم ئاپتوبۇسلارنىڭ قالدۇقلىرى

 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرىۋەتكەن ماشىنىلار

   

ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان

 

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن كوچا ئاپتوبۇسى، كىرا ماشىنىسى ۋە شەخسىي ماشىنىلار

 
  قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن ماشىنىلار  

6-ئىيۇل سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ ئەگىم يولىنىڭ جەنۇبىدىكى بەيگە مەيدانى يولىدا 10 نەچچە كوچا ئاپتوبۇسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

 

  غالىبىيەت يولىدىكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن سودا دۇكىنى     چوڭ ئەگىم يول يېنىدىكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كوچا ئاپتوبۇسى
 

  6-ئىيۇل سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى  شىمالىي بەنجىي كوچىسىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇا تېخنىكۇم مەكتىپى ئالدىدا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن ماشىنىلار

  قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆيدۈرۈۋەتكەن ماشىنىلار
 

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئامما

 

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئامما

 

9-ئىيۇل، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانىسىدا،بىر قىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تۇغقىنى ئۈچۈن يىغلىماقتا.

 

ياشىنىپ قالغان قەمبەرنىسا نىياز ئاپتونۇم رايونلۇق دوختۇرخانىدا كەررىفور تاللا بازىرىدا ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىشلەيدىغان ئوغلى پەرھاتنى تاپتى. قاتتىق يارىلانغان ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۇ بەكمۇ ئازابلاندى.

   

5-ئىيۇل، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كىيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانىسىدىكى، 4 ياشلىق قىز جو لىياڭنىڭ كۆزلىرى تېخىچە ئىششىق، قولىنىڭ ھەممە يىرى يارىلانغان ئىدى. يىتىم  قالغان بۇ كىچىك قىز ئۆزىنىڭ «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە، بوۋا، موما ۋە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى بولغان ئاكىسىI  كىسەلخانىسىدا ئىدى.

 

ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا سىچۇەندىن شىنجاڭغا تىرىكچىلىك ئۈچۈن كەلگەن ياڭ چۈنجېن «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ  زەخمىلەندۈرۈلگەن يولدىشىغا قاراپ، ئازاب ياشلىرىنى تۆكمەكتە.

   

  يولدىشىنىڭ كىملىكى ۋە سۈرىتىنى تۇتىۋالغان بىر قازاق ئايال، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەن يولدىشى ئېربولاتنى ئىزدىمەكتە.

 

 يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش تاختىيىدىن قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسمىنى ئىزدىمەكتە.

     

«5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان سودا  دۇكىنىنىڭ خوجايىنى تاراتقۇلارغا قانۇنسىز ئۇنسۇرلانىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىپلىمەكتە.

 

 چوڭ ئەگىم جەنۇبىي يولىدىكى جىلى ماشىنىسى 4S دۇكىنىنىڭ خوجايىنى تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن 30 نەچچە كىچىك ماشىنىنىڭ بىر كىچىدىلا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

       
   باش بەتكە قايتىش بىرىنچى بەت ئىككىنچى بەت ئۈچىنچى بەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved