خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەسىدە 11-ماي شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 لاردىن باشلاپ قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئالتە بال ئەتراپىدا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغىمۇ يەتمەي، قاتناش ۋە كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، نۆۋەتتە بۇ قۇم -بورانلىق ھاۋارايى داۋاملاشماقتا.
سۈرەتتە: چەرچەن بازىرىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى