يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرۇش، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش پەيتىنى بېيىتىش ئۈچۈن خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى لەنجوۋنىڭ ئالمىشىش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى نىشانلاپ، 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، شياڭگاڭنىڭ «كۆزنەك ئورنى»غا تايىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى پائال ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ-شياڭگاڭ ئىككى جايدىكى يولۇچىلارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق ياراتتى.
(5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئۇچىدىغان UQ2637 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى لى كەي فوتوسى)
بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر جۈمە كۈنى بىر قېتىم بويىن 737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان UQ2649 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:35 دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:25 تە لەنجوۋ جۇڭچۈەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ؛ سائەت 12:10 دا لەنجوۋ جۇڭچۈەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:35 تە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.
قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان UQ2650 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:35 دە شياڭگاڭ خەلقارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:05 دە لەنجوۋ جۇڭچۈەن خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ، سائەت 21:15 دە لەنجوۋ جۇڭچۈەن خەلقارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 0:20 دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.
قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولۇچىلارنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ھېس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قاتناشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئېتىبار پائالىيىتىنى يولغا قويدى: لەنجوۋ-شياڭگاڭ تال لىنىيەلىك بېلەت باھاسى 725 يۈەندىن باشلىنىدۇ، شياڭگاڭ-لەنجوۋ تاق لىنىيەلىك بېلەت باھاسى 1109 يۈەندىن باشلىنىدۇ. (يۇقىرىقى باھا يېقىلغۇ ماي ۋە باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )
ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، لەنجوۋ، شياڭگاڭدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۈچ جاي ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ساياھىتى، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قۇرۇقلۇق بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان» ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى كۈچلۈك قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىرلىكتە كۈتەيلى!
مەنبە: خەلق تورى