باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە

«جۇڭگو چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ھۆسن قوشىدۇ

2013.08.26 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە بەش قىسىمدىن تەركىپ تاپقان مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق يىپەك يولى بويىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقى، يەرلىك سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن.

  بىر ئايدىن ئۇزاقراق داۋاملىشىدىغان «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە ئېلىمىزدىكى داڭلىق رەسساملاردىن چى بەيشى، شۈ بېيخۇڭ قاتارلىقلارنىڭ 70 پارچىدىن ئارتۇق مەشھۇر جۇڭگوچە رەسىمى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئويما رەسىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، شۇنداقلا، ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ شىنجاڭدا ئىجاد قىلغان رەسىم، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا شىنجاڭلىق داڭلىق ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېينىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى «جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل