مۇھىم خەۋەرلەر

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى 30 غا يېقىن ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنى تاقاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

2025.04.17 14:31 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ( CNN ) نىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ بىر ئىچكى ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى 30 غا يېقىن ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنى تاقاپ، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنى زور دەرىجىدە تەڭشەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھۆججەتتە ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى 10 باش ئەلچىخانىسى ۋە 17 كونسۇلخانىسىنى تاقاش تەكلىپى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ مالتا، ليۇكسېمبۇرگ، لېسوتو، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى بار ئىكەن.

تىزىملىكتە يەنە ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق بەش كونسۇلخانىسى، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى كونسۇلخانىسى، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق بىر كونسۇلخانىسى، جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق بىر كونسۇلخانىسى ۋە كورېيەدە تۇرۇشلۇق بىر كونسۇلخانىسىمۇ بار ئىكەن. بۇ ھۆججەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ سومالى ۋە ئىراقتىكى دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىش تەكلىپى بېرىلگەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى خامچوتىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ زور دەرىجىدە ئازايتىش پىلانى ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق 30 غا يېقىن ئاپپاراتىنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، تاشقى ياردىمىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ