شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن خوشلاشتى

2025.04.16 14:57 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن خوشلاشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن خوشلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، بىراق پائالىيەت مول، نەتىجە كۆپ بولدى. ئىككى تەرەپ دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئورتاق زورايتىشتىكى سىياسىي ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى، ئىككىلا تەرەپ «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانىغا قاراپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلدى، بىردەك تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مېنىڭ جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇق. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئومۇملۇق، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ۋيېتنام تەرەپنىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىش ئىشەنچىنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ۋيېتنام تەرەپ زىيارەت نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللەنگەن كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ