شى جىنپىڭ مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ باردى

2025.04.16 14:57 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ باردى. مەخسۇس ئايروپىلان كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد، ھەمراھ مىنىستىر، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ باردى.

مەخسۇس ئايروپىلان كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد، ھەمراھ مىنىستىر، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. مالايسىيالىق ئۆسمۈر شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى، مالايسىيالىق ياش - ئۆسمۈرلەر يەرلىك خاسلىققا ئىگە ئۇسسۇللارنى ئويناپ، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە مالايسىيا خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2023 - يىلى ئىككى تەرەپ جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇلتۇر ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە يەرشارى جەنۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىلى»نى باشلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋياڭ يۈجىڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى، مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالايسىيادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «ياشىسۇن جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇقى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خۇاچياۋ - خۇارېنلار خۇشال - خۇرام، قىزغىن شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ