شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى

2025.04.16 14:58 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

خانويدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ۋيېتنامنىڭ زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن جىنشيۇ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى خۇەيجۇڭ قاتارلىق ۋيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى ۋەكىللەر ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ۋە جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى، ۋيېتنامدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قىزىل لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنامدىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ