شى جىنپىڭ ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن كۆرۈشتى

2025.04.15 15:00 مەنبە: خەلق تورى

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن كۆرۈشتى..

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋيېتنامدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ھازىر، جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ۋيېتنام پات ئارىدا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى دەۋرنى ئاچىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت يول ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، سىياسىي يۆنىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۆنىلىشنى مۇقىم ئىگىلەپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام مۇناسىۋىتى پاراخوتىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەلەر ئارا، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك.

چېن چىڭمىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدە، «يولداش ھەم قېرىنداش» بولغان سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل دوستانە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بېرىپ، ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ۋيېتنام پارلامېنتى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ