قازاقىستان خەلق بانكىسى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق جاكارلىدى: بۇ بانكا بۈگۈندىن باشلاپ ئۈندىدار ئىككىلىك كودى ئارقىلىق چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، قازاقىستانغا بارغان جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈندىداردا سىكاننېرلاپ چىقىم قىلسا بولىدۇ.
قازاقىستان خەلق بانكىسىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ نىشانىمىز جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى تاۋار سېتىۋېلىش، مۇلازىمەتتە تونۇش ھەم قولاي چىقىم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چىقىم قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشتۇر.»
نۆۋەتتە، بۇ چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى نۇرغۇن تاۋار سودىسى نۇقتىلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى جۇڭگودىن قازاقىستانغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 655 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكىدىن %78 ئاشقان.