مۇھىم خەۋەرلەر

25 دۆلەت ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2025.08.27 15:38 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ قىممىتى 800 ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئىمپورت پوسۇلكىلىرىغا باج كەچۈرۈم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، شۇ چاغدا ئاز سوممىلىق پوسۇلكىلارغا تەتبىقلىنىدىغان بارلىق باج-ھەقلەرنى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا پوچتا ئىتتىپاقىنىڭ 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدىكى تىرانسپورت مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىقسىزلىقلار تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى 25 دۆلەت ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ