شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتتى

2025.08.25 14:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لاسادا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋاڭ خۇنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئاممىنى يوقلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدۇ.

شى جىنپىڭ شىزاڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە لاسا شەھەر رايونىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە كېلىپ، قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، قولىدا خادا تۇتۇپ، تەنتەنە قىلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، باش شۇجىغا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلدۈردى. لاسا گۇڭگا ئايرودۇرۇمىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن كادىرلار، ئامما قىزىل بايراق ۋە گۈلدەستىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، «جاشىدېلې» دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ، ئېگىزلىك ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

سەي چى، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ