
ئۆز مۇخبىرىمىز
-8ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لاساغا يېتىپ بېرىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قارلىق ئېگىزلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى تۇتىمىز، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
شىزاڭنىڭ سىياسىي تىنچلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) سىنىپىنىڭ دەرسخانىسىدا كۇرسانتلار قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى، بەش يىلدىن بۇيان بۇ جايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون قارار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شۈجاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى <بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش>نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمىز».
ناچۈ شەھىرى بۇ يىلدىن بۇيان 4384 مەيدان قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «100 كۈندە كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» پائالىيىتىگە تايىنىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىدىن 3159 نى ھەل قىلدى. ناچۈ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چىلەيتاجى: «بىز مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.
«دىنلارنىڭ ئىناقلىقى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى شىزاڭ شۆبە جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ ليۇ جوۋپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، شىزاڭ بۇددا دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.
شەننەن شەھىرى چيۇڭجيې ناھىيەسى لايۈ يېزىسى چياڭجى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گادو ئىشەنچكە تولدى: «جۇغلانما نومۇرنى نەقلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى تۈگىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئىدار قىلىش ئاساسىنى پۇختىلايمىز. »
ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش
رىكازى شەھىرىدە ھازىر ئارپا پىششىقلاشتىكى باشلامچى كارخانىدىن توققۇزى بار بولۇپ، يىللىق پىششىقلايدىغان ئارپا 25 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. رىكازى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ چاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ: <شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېگىزلىكنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك> دەپ كۆرسەتتى. رىكازى مۇھىم ئارپا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈچنى ئارپا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ ئېگىزلىكتىكى خاس، ئەۋزەل كەسىپنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى <ئالتۇن ئاچقۇچ> قا ئايلاندۇرىدۇ.
كۆز يەتكۈسىز سېجىلا تېغى، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى تۈر قۇرۇلۇش ئورنى، جۇڭگو تۆمۈريول تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى تونىل قېزىش ماشىنىسى باش شوپۇرى، ئالىي تېخنىك مۇ يۇڭچىنىڭ بۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەن <ئىككى يول> روھى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن!»
بۈگۈنكى لاسا شەھىرىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى تاغلار يېشىللىققا پۈركەندى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى لى ساڭ مۇنداق بىلدۈردى :«باش شۇجى شى جىنپىڭ <دۇنيانىڭ ئۆگزىسى> ۋە <ئاسىيا سۇ مۇنارى>نى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرۇلۇشى ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.»
نۆۋەتتە، چاڭدۇ شەھىرى چايا ناھىيەسىدىكى 124 ئائىلىلىك 553 نەپەر قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ئوبيېكتى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈلدى، 46 مىڭ 800 ئەمگەك كۈچى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چايا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لى چېڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: <يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش-سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك>. بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار خىزمەت تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.»
8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، دىڭرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى 3723 ئائىلىدىكى 20 مىڭ 468 ئادەم يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالدى. «شۇنچە تېزلا مۇستەھكەم، چىرايلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.» دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىسى سېنگا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاشىلوبۇنىڭ چىرايىدىن بەخت نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. دىڭرى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى جاشىدۈنجۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەنت قىياپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز.»
پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش
ئالى رايونى پۇلەن ناھىيەسى كېجيا كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر يىلدىن بۇيان دېھقان-چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنى 58 مەيدان قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئالى ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پۇلەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، چېگرا قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.»
يېقىندا، شاڭخەيدىن شىزاڭغا ياردەمگەبارغان يېڭى بىر تۈركۈم كادىرلار زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت يۆنىلىشىگە، مەبلەغ سېلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنى تەييارلىدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ 11-تۈركۈمدە شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، رىكازى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شېن مىن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىدۇ.»
لىنجى شەھىرى بايى رايونى گالا كەنتىدە، ھەر يىلى ئەتىيازدا شاپتۇل چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. گالا كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كالا قوتىنى، قورشاۋ تاملارنى باشلامچىلىق بىلەن چېقىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشكە يېتەكلىدى. «بىز پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، <تاۋخۇا كەنتى> ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بەيماياڭ .
لاسا شەھىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 21 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، 3949 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلىدى. «ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمىنى شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى لاسا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى مەخسۇس بەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىماسىرېن.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭۋەنجۈن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ