جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى

2025.08.25 14:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىزاڭ ھەربىي رايونى:

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھە زاتلارغا، شىزاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىغا، شىزاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ۋە ياردەم بەرگەن، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى - يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق كىشىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز!

1965 - يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ، شىزاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر ئابىدە بولۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىزاڭدا رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شىزاڭنىڭ قىياپىتىدە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتتى. شىزاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشى بولدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، چېگرا رايون مۇستەھكەملەندى، چېگرا بىخەتەر بولدى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولدى؛ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەپ راۋاجلىنىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە؛ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ شىزاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۈگۈنكى شىزاڭ گۈللەپ ياشناپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىش داغدام يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە!

شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، يېڭى شىزاڭمۇ بولمايتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى تامامەن توغرا. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغاندا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

شىزاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە سىياسىي - قانۇن قوشۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغدايدىغان، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى - يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق، خەلق ساقچىلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ۋە كۈرەش قىلىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىزاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقايلى!

شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

2025 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ