مۇخبىرنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئىقتىساد مىنىستىرى سۋرىجيەنكو ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكا قېزىلما بايلىقلار كېلىشىمى توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت كوللېكتىپىنىڭ خىزمەت رامكىسىنى بېكىتىپ، كېلىشىم سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە كېلىشىم ئىمزالاش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ كېلىشىم نۇسخىسىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۋرىجيەنكو مۇنداق دەپ يازدى: «كېيىنكى قەدەمدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم تېكىستىنى بېكىتىمىز ھەم ئىمزا قويىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا توغرا كېلىدۇ.»
بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ فوندى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.