باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياپونىيەلىك ماھىر 100 مېتىر ئارىلىقنى 17 سىكۇنت 47 دەقىقەدە ئۆمىلەپ يۈگرەپ يېڭى جىنىس رېكورتى ياراتتى

2012.11.19 13:33   مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيەلىك ماھىر 100 مېتىر ئارىلىقنى 17 سىكۇنت 47 دەقىقەدە ئۆمىلەپ يۈگرەپ يېڭى جىنىس رېكورتى ياراتتى

  شۇ يەر ۋاقتى 15-نويابىر، ياپونىيە توكيودا، «مايمۇن ئەر» دەپ ئاتالغان ياپونىيەلىك ئەر كېنىچى ئىتو ئۆزى ئىجاد قىلغان «ئۆمىلەپ» 100 مېتىرغا يۈگرەش رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاخىرىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جىنىس رېكورتى ياراتتى، ئۇ ئۆمىلەپ يۈگرەپ 100 مېتىر ئارىلىقنى 17 سىكۇنت 47 دەقىقىدە تاماملىدى ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۆمىلەپ يۈگۈرگەن ئادەم بولۇپ قالدى.

  غەلىتە ئادەمنىڭ كەينىدە چوقۇم غەلىتە ھىكايە بار. ئىتو جىنىس دۇنيا رېكورتىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ :« كىچىك ۋاقتىمدا، باشقىلار مېنىڭ چىرايىمنى مايمۇنغا ئوخشىتاتتى، مەن بۇنىڭغا تېرىكمەستىن ، ئەكسىچە، مايمۇننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەندىم، كېيىن مەن مايمۇننىڭ ناھايىتى تېز يۈگۈرەيدىغانلىقىنى بايقاپ، دۇنيا بويىچە مايمۇنچە ئەڭ تېز يۈگرەيدىغان ئەر بولماقچى بولدۇم» ـ دېدى.

  ئىتونىڭ ئېيتىشىچە، يۈگرەشكە ماھىر بۇ خىل مايمۇن غەربىي ئافرىقا سەھرايى كەبىر چۆلىدىكى قىزىل مايمۇن بولۇپ، يۈگۈرگەن ۋاقىتتىكى سائەتلىك تېزلىكى 54 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، 100 مېتىر بويىچە ھېسابلىسا 7 سىكۇنت بولوپ، ئولېمپىك يۈگرەش چېمپىيونى بولتنى يېڭەلەيدىكەن. بولتتىن ئۆگەنمەي، مايمۇندىن ئۆگەنمەكچى بولغان ئىتوغا دەسلەپكى مەشىق ئاسان توختىمىغان. ئۇ ھايۋاناتلار باغىچىسىغا بېرىپ مايمۇننىڭ يۈگۈرگىنىنى كۆرگەن، ھۆججەتلىك فىلىمدىكى مايمۇننىڭ دەرەخكە ياماشقان كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالغان، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن كىرىسلودا يېتىپ ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن. ئۇ بىرىنچى قېتىم سىرتتا يۈگۈرگەندە ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمىگەن ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، تاغقا چىقىپ يۈگۈرمەكچى بولغاندا ئوۋچى تەرىپىدىن مايمۇن دەپ قارىلىپ، ئېتىۋېتىلگىلى تاسلا قالغان.

  بۈگۈن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپ «مايمۇن ئادەم» دەپ ئاتالدى. ئاۋارىچىلىق ۋە خاتا چۈشىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ ھازىرغىچە ئۆيىدە يالغۇز تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر خىل مايمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان كىتابلار، گېزىتلەر ۋە سىن ماتېرىياللىرى ھەمرا بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق يالغۇزچىلىق بەدىلىگە بۇ ئۆزگىچە رېكورتنى ياراتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز