دولقۇن قادىر 1973-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بېيجىڭ خېمىيە-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھىت پەنلىرى بويىچە ماگىستېر ئاسپرانتلىق دەرسلىرىنى تاماملىغان. 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. 2011-يىلى 5-ئايدا، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر، مىللەتلەر نەشرىياتىدا كاندىدات ئالىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە