باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار

2014.08.14 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزبېكىستاننىڭ يېرىم ئاھالىسىدە مىنىبۇس بار بولۇپ، ئىككى دانە مىنىبۇسقا ئىگە ئائىلىلەر 11% تىن ئاشقان. ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ماشىنا ئاللىقاچان ئوندىن ئارتۇق دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ماشىنا سانائىتى دۇنياۋى دەرىجىلىك شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرغاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى مىنبۇس، يۈك ماشىنىسى، ئاممىۋىي ئاپتوبۇس، ئالاھىدە ماشىنا، ماتور ۋە ھەرخىل زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ ماشىنىلىرى ئوندىن ئارتۇق دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، بىر پايچەك شىركىتى ئىزچىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپ، ئېكىسپورت ساھەسىگىچە كېڭەيتكەن. ئۆزبېكىستان دۆلەت سىرتىدا 250 دىن ئارتۇق ئۆزبېكىستان ماشىنىسىنى سېتىش نۇقتىسى قۇرغان.


  نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ ماشىنا ياساش ساھەسىدە 23 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بىر پايچەك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى 200 دىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر