- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يۇيمىسىمۇ بولىدىغان تەخسە
2014.05.08 09:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۋېتسىيەلىك لايىھىلىگۈچى يۇيمىسىمۇ بولىدىغان تەخسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان . بۇ خىل تەخسىنىڭ سىرتقى يۈزى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن ياسالغان بولۇپ ، ماي ۋە سۇغا كۈچلۈك قارشىلىق كۈچى بار ئىكەن . شۇڭا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ، سۇغا سالسا تاماقنىڭ قالدۇقلىرى پاكپاكىز چىقىپ كېتىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل تەخسە يېڭى سېلليۇلوزا ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ ، لايىھىلىگۈچى سېلليۇلوزا قەغەز بوتقىسىنى قىزىتىپ ، قېلىپقا سالغاندىن كېيىن ، تەخسە ياكى قاچىنىڭ شەكلىگە كەلتۈرىدىكەن . بۇ خىل ماتېرىيال سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ، فارفۇردەكلا قاتتىق ھەم يېنىك بولۇپ كېتىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر