- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىر بوۋاقنى چاشقان ‹‹غاجىۋەتتى››
2014.02.10 15:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جەنۇبىي ئافرىقا ‹‹كۈندىلىك قۇياش گېزىتى›› نىڭ 6–فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پايتەختى جوھاننېسبۇرگنىڭ شىمالىدىكى ئالېكساندرادا چاشقان ئاپىتى يۈز بەرگەن . تاتلىق ئۇخلاۋاتقان 11 ئايلىق بىر قىز بوۋاقنى چاشقان غاجىلىۋەتكەن . بەختكە يارىشا بوۋاقنىڭ ئانىسى بالدۇر بايقىغاچقا پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 23 ياشلىق بۇ ئانا يېقىندا سىرتقا قوشۇمچە خىزمەت ئۆتىگىلى چىققاندا ، قوشكېزەكنىڭ بىرىنى قوشنىسىنىڭ بېقىشىغا قويۇپ قويغان . نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ، بالىسىنى قانغا مىلەنگەن ھالدا كۆرگەن . شۇ چاغدا، بىر نەچچە چاشقان بوۋاقنىڭ بېشى ، يۈزى ۋە قولىنى غاجاۋاتقان ئىكەن .
ئانىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەگەر سەللا كېچىككەن بولسا، ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ دۆلەتتە ئىككى بوۋاقنى چاشقانلار يەۋەتكەن ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر