باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەڭ چوڭ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالماس يۇقىرى باھادا كىمئارتۇق قىلىندى

2013.11.15 14:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 13-نويابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، 14.82 كاراتلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالماس يېقىندا شۋيېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە 35 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 216 مىليون خەلق پۇلىغا باراۋەر ) لىق يۇقىرى باھا بىلەن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان . بۇ تارىختا كىمئارتۇق قىلىنغان ئەڭ چوڭ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالماس ئىكەن .

  خەۋەر قىلىنىشىچە ، نەشپۈت شەكىللىك قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بۇ ئالماس 12-نويابىر 35 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان بولۇپ ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كارات ئالماسنىڭ باھاسى 2 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 14 مىليون 630 مىڭ خەلق پۇلىغا باراۋەر ) ئىكەن .

  بۇنىڭدىن باشقا ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىمئارتۇق سودا ئورنىSothebyمۇ شۇ يەر ۋاقتى 13-نويابىر جەنۋەدە 59.6 كاراتلىق ‹‹ ھالرەڭ ئالماس ›› نى كىمئارتۇق قىلغان .

  مۆلچەرلىنىشىچە ، ‹‹ ھالرەڭ يۇلتۇز ›› نىڭ باھاسى 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 366 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ ) دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر