- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاكا-سىڭىل ئىكەن
2013.02.27 16:13 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-فېۋرال تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ بىر ئاتا باشقا ئانىدىن بولغان سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھاڭ-تاڭ قالغان .
بۇ ئەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ ، بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى چۆچۈپ كەتكەن ، بۇ ئىشنى ئايالىغا ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كېلەلمىگەن .
مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ ، «گەرچە بۇ ئىش ئادەمنى چۆچۈتۈپ ، پاراكەندە قىلسىمۇ ، بىراق بۇ بىر رېئاللىق ، شۇڭا ئايالىڭىز بۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك .سىلەر گەرچە بۇ ئىشتىن ئەمدىلا خەۋەر تېپىپ ، ھەيران قالغان بولساڭلارمۇ بىراق قوبۇل قىلىشىڭىلار كېرەك ، ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، بۇ ئىشلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ، سىلەرمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر » ، دېگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە