باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

مېكسىكىلىق قىزنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»

2013.01.06 13:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىسورنىڭ سەككىز ياش ۋاقتى

  فوتوگراف جېننېت گاماننىڭ فوتو ئاپپارات ئارقىلىق مېكسىكىلىق قىز مالىسورنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرەلەۋاتقىنىغا 15 يىلدىن ئاشتى، مېكسىكىلىق بۇ قىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم باش تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. 1996-يىلى جېننېت مېكسىكىغا بېرىپ بىر تۈرلۈك مۇھىت ئىلمىي تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگرىسىدىكى ماتاموروستىكى ئەخلەت رايونىدا ئەينى چاغدا ئاران سەككىز ياشقا كىرگەن مالىسور بىلەن تونۇشقان. ئەينى چاغدا مالىسورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىلا يېرى يۇندا، قويۇق ئىس-تۈتەك، سېسىق پۇراققا تولغان ئەخلەت دۆۋىلەنگەن رايوندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسلىقى ئەخلەت ئىلغاپ جان باقىدىكەنتۇق. شۇ چاغدا مالىسورنىڭ ئانىسى جېننېتتىن قىزىنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ نام چىقىرىشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، جېننېت تارتقان ئەخلەت دۆۋىسى ئىچىدىكى مالىسورنىڭ سۈرەتلىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە