باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەنگلىيەدىكى 75 ياشلىق موماي 30 ياشلىق گۈزەل ھالىتىنى ساقلاپ قالغان

2012.12.24 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىليە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بىر ئەنگلىيەلىك 75 ياشلىق موماي خۇددى 30 ياشلىق قىزلاردەك گۈزەل جامالغا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان.

  بۇ ئايالنىڭ ئىسمى مىرەم سىتارد بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە بىر دوختۇر ئىكەن. ئۇ ئاللىقاچان 75 ياشقا كىرىپ بۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ چاچلىرى يەنىلا پارقىراق بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىلىرىگە قورۇق چۈشمىگەن ئىكەن، بۇنى كۆرگەن ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قاتتىق ھەيران قالىدىكەن.

  ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 54 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا كۆزى ئەتراپىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ھېچقانداق ھورمون ئۇرۇپ باقماپتۇ، ياكى باشقا خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىپمۇ باقماپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭدىكى ئىرسىيەت گېنى ناھايىتى ياخشى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق مەخپىيەتلىك بولسا ئۇنىڭدىكى ئاددىي كۈتۈنۈش، ساغلام ئوزۇقلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە 11 نەۋرىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە