خەلق تورىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا «يۇۋتۇب» تورىغا ناھايىتى خەتەرلىك بىر سىن يوللانغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلغان. بۇ سىن كانادا مونترېئالدىكى بىر باغچىدا تارتىلغان بولۇپ، بۇ سىندا بىر بۈركۈتنىڭ بىر كىچىك بالىنى «ئولجا» ئېلىپ قاچماقچى بولغانلىقىدەك خەتەرلىك كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن.
سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر كىچىك بالا چىملىقتا ئولتۇرغان ، ئۇنىڭغا يېقىنلا يەردە دادىسى بىر نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز بىر بۈركۈت بالىنى تۇتۇۋالغان، ھەمدە ئۇنى «ئولجا» قىلىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. بۈركۈت ئالدى بىلەن باغچىنىڭ ئۈستىدە ئايلانغان، ئاندىن تۇيۇقسىز يەرگە تۆۋەنلەپ، چىملىقتا ئولتۇرغان بالىنىڭ كىيمىنى قاماللاپ، بالىنى كۆتۈرگەن، يەر يۈزىدىن بىر مېتىر كۆتۈرۈلگەن كېيىن، بۈركۈت بۇ بالىنى قويۇۋەتكەن.