باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئاساسلىق دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى،
ئۇلار شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن تەسىرات ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ شاھىدى بولدى

2019.02.27 18:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پاكىستان، ۋېنېسۇئېلا، كۇبا، مىسىر، كامبودژا، روسيە، سېنېگال ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئاساسلىق دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى 2- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭدىكى "كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش مەركىزى"دىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىسلام دىنى خادىملىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىدە راستچىل بولمىغانلىقىنى ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتى.

  تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ

  قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ھەم ئالدىنى ئېلىش ماختاشلارغا ئېرىشتى

  20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» (مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر) جۇڭگو شىنجاڭدا بىر نەچچە مىڭ قېتىملاپ بىر قاتار زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ ۋە ئىناق ئۆتىۋاتقان ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان كەيپىياتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتتى. ئۇ خىل ئۇنسۇرلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، سالامەتلىك ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا ئائىت نۇقتىلىق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. روسىيەنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى (ئەلچىسى) — نىكىتا ژۇكوۋ مۇنداق دېدى: «بىز زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىدىكى بىر قىسىم ۋىدىئو ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن شۈركەندۇق، تېررورلۇق ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا بۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك، تېررورلۇق مۇتلەق رەۋىشتە بىر رەزىل ئالۋاستىدۇر، ئۇ چوقۇم زەربىگە ئۇچرىشى كېرەك.»

  كۇبانىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پېدروسو مۇنداق دېدى: «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەرقانداق بىر بىگۇناھ كىشى قاراپ تۇرۇپ تېررورىزىمنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. تېررورچىلار مەيلى كىم بولۇشى، مۇددىئاسىنىڭ نېمە بولۇشى ۋە نېمە ئىش قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى چوقۇم زەربىگە ئۇچرىشى كېرەك.»

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭ «زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەم ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە ئاز ساندىكى ئېغىر دەرىجىدىكى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم شۇنداقلا مەنبەدىن تۈزەش ۋە كەسپىي ماھارەت مائارىپى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھالدىكى يېنىكرەك جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى ئىدىيە ئۆزگەرتىش پۇرسىتى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرى سۇپىسى ۋە كەسپىي ماھارەت سۇپىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا ئالدىنى ئېلىپ يوقاتتى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا 25 ئاي زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى.

  كامبودژانىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نېي سامۇل مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ. تېررورىزم مەيلى قايسى خىل شەكىلدە پەيدا بولسۇن، ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. شىنجاڭدا ئۇدا 25 ئاي زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمەپتۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى توغرا بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپتۇ. مەن بۇ تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  روسىيە ۋەكىلى نىكىتا ژۇكوۋ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇھىمى بىز تېررورلۇققا قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، ھەرقانداق ئۇسۇل چوقۇم قانۇن رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىنكى كۆز قارىشىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ھەم شۇنداق قىلىپتۇ.»

  تەلىم–تەربىيەدە ئادەم ئاساس قىلىندى. چېگرا سىرتىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ئەيىبلەشلىرى راستچىل بولمىدى

  تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ كۆپىيىدىغان مۇھىت ۋە تۇپرىقىنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا تۈگىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە ئاپپاراتلىرىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان ھالدىكى مائارىپ ئارقىلىق تەربىيىلەش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  ۋاھالەنكى، چېگرا سىرتىدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭ "كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش مەركىزى"نى «جازا لاگېرى» دەپ بۇرمىلاپ كۆرسەتتى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلى سوراپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كۆرگەندىن كېيىن، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بىرمۇنچە ئەزالىرى ئىلگىرىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشلىرىگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  بېلارۇسىيەنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى پىسالىۋېيچ مۇنداق دېدى: «مەنچە ئىلگىرىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئىنتايىن ئەخمىقانىلەرچە گەپ بوپتۇ، بۇنداق گەپلەرنى سۆكۈش كېرەك. بۇ يەردە مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخنىكا-ماھارەت ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.»

  (مەنبەنى بېسىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر