باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«جۇڭخۇا بالىلار 100 مۇنەۋۋەر كىتابىنى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا (ئۇيغۇرچە، قازاقچە) تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش» تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.06.20 14:57   مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭخۇا بالىلار 100 مۇنەۋۋەر كىتابىنى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا (ئۇيغۇرچە، قازاقچە) تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش» تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئىيۇن، «جۇڭخۇا بالىلار 100 مۇنەۋۋەر كىتابىنى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا (ئۇيغۇرچە، قازاقچە) تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش» تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ۋە 2017- يىللىق كىتاب تۈرلىرىنى باھالاش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش دولقۇنىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى ئوقۇش، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلارنىڭ ئوقۇش خىزمىتى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالدى. ئۇ بولسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا يۈزلەنگەن جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى قانداق ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ھەمدە ئۇنى نەشىر قىلغۇچىنىڭ ئويلىنىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان زور تېمىسىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مۇشۇنداق پىكىر ۋە ئىزدىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭخۇا بالىلار 100 مۇنەۋۋەر كىتابىنى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا (ئۇيغۇرچە، قازاقچە) تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش» تۈرىنى تۇرغۇزدى. بۇ تۈردە، بالىلارغا ئائىت كىتابلاردىن ھەر يىلى 100 مۇنەۋۋەر كىتابنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ ۋە نەشىر قىلىپ بازارغا سېلىش پىلانلانغان. مەزكۇر تۈرنىڭ مەقسىتى شۇكى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئۆسمۈرلەر نەشىر بۇيۇملىرىنى مول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بالىلارنىڭ توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىش، شۇ ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئامانلىقىغا ياردەم بېرىشدۇر.

  كىتاب نەشىر قىلىش تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، تافىن فوند جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى نې جېننىڭ؛ جۇڭگو نەشرىياتچىلار جەمئىيىتى بالىلار ئوقۇشلۇقى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خەي فېي؛ بېيجىڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلىرى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەشرىيات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ كىتاب باھالاش كومىتېتىنى تەشكىل قىلدى. باھالاش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دۆلەتلىك كۈتۈپخانا ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى يېقىندا نەشىر قىلغان خەنزۇ تىلىدىكى مۇنەۋۋەر بالىلار كىتابلىرى ئىچىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا باب كېلىدىغان 100 مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا بالىلار كىتابىنى تاللاپ چىقىدىكەن، ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە بۇ 100 مۇنەۋۋەر ئەسەرنى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، 2018- يىلىنىڭ 1-پەسلىدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا سۇنىدىكەن.

  مۇشۇ تاللاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كىتابلار رەسىملىك كىتابلار، بالىلار ئەدەبىياتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت كىتابلار دېگەندەك ھەر قايسى تىپتىكى كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تېمىسىدىكىلەر ئۈچتىن بىرنى ئىگىلىگەن. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: دەسلەپكى تاللانغان بۇ كىتابلارنىڭ سۈپىتى خېلى يۇقىرى، ياخشىنىڭ ئىچىدىن ياخشىسى تاللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ بىلىم رامكىسى ۋە كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، شۇ جايدىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي ماس كېلىدىغان كىتابلار بىلەن تەمىنلەش كۆزدە تۇتۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ
    ·جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئى…
    ·كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەش ئالىي مەكتەپ چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى
    ·ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە خىل ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك
    ·قازاقىستان پوچتا پويىزى جۇڭگودىن قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى