باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟

2016.06.17 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھرىر سۆزى: ئالدىنقى كۈنى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرىستېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا قارىتا تەكلىپ بەردى.

  ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىگە ئاساسەن، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت بولغان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزىدىغان ھەمدە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش نىزامى تارقىتىدىغان ئورۇن. ئۇلارنى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان تارماق دېسەك ئازراقمۇ خاتا بولمايدۇ. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ قانداق تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

  ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇدىرلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش جەھەتتىكى تەكلىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

  ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، ئارتۇقچىلىقى، كەمچىللىكىنى چۈشىنىشى لازىم

  ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى چۈشىنىشى، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ شۇ ئۆلكىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدە قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشى، ئۆزىنىڭ قايسى مەكتەپلەرنى تاللايدىغانلىقى، قايسى كەسىپلەرنى ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغانلىقىغا ئوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلىشى لازىم. بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ئويلىشىشقا بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تاللىغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىشى، قارىغۇلارچە كۆپچىلىككە ئەگەشمەسلىكى، قارىغۇلارچە «ئاۋات كەسىپلەر»گە ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك. مەكتەپلەردىكى كەسىپلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشى، بۇ كەسىپتە كونكرېت نېمىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويى ئاساسىدا كەسىپ تاللىشى لازىم.

  ئۆزگىنى بىلىش، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىنى چۈشىنىش، ئالىي مەكتەپلەرنى چۈشىنىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇش لازىم

  ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئۇچۇر يىغىشنى بىلىشى، يازىدىغان مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي چۈشىنىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى قوياش نۇرى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سۇپىسىغا چىقىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەكتەپ ياكى كەسىپلەرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بۇ سۇپىدا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تۈردىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلانغاندا، ئورزۇنى ياخشى تولدۇرۇشقا پايدىسى بار.

  پاراللېل ئارزۇ تولدۇرغاندا قەۋەت ئارىلىقىنى كېڭەيتىش، كەسىپلەر ئارزۇسىدا چوقۇم تەڭشىلىشكە بوي سۇنۇش، ئارخىپ قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تەڭشىلىشكە بوي سۇنمىغانلىق سەۋەبلىك ئارخىپ قايتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش لازىم

  «پاراللېل ئارزۇ» ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ، بۇ سىياسەتتىن قانداق قىلغاندا ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟

  ھازىر كۆپىنچە ئۆلكە-شەھەرلەر پاراللېل ئارزۇ سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرىنى تاللىغاندا، ھەربىر ئالىي مەكتەپ ياكى ھەربىر كەسىپ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم نومۇر پەرقى بولۇشى، مەسىلەن، ئۈچتىن بەش نومۇرغىچە پەرق قەۋىتى بولۇشى، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپكە كىرەلىشىگە ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  «سىناپ بېقىش»، «كاپالەتلىك قىلىش»، «مۇقىملاشتۇرۇش»

  كەسىپلەرنى تاللىغاندا ئالتە كەسىپ ئارىسىدا چوقۇم مەلۇم قەۋەت بولۇشى كېرەك، ئالتە كەسىپنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولدۇرۇشنى ئەسكەرتىمىز. ئوقۇغۇچىلار كەسىپلەر ئارزۇسى تولدۇرغاندا، ئۆزى تولدۇرغان ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشتىن باشقا يەنە، باشقا كەسىپلەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ چۈشىنىشى كېرەك. ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل چۈشىنىشى لازىم.

  ئارزۇ تولدۇرغاندا ئالدىدىكى ئىككى مەكتەپ ئارزۇسىنى تولدۇرغاندا «ياخشىراقىغا سىناپ بېقىش»قا بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئىككى ئارزۇنى تولدۇرغاندا چوقۇم «مۇقىملاشتۇرۇش» لازىم، ئاخىرقى ئىككى ئارزۇغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش لازىم، ھەممىسىگە ئوخشاش دەرىجىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرماسلىق لازىم. دېمەكچى، تولدۇرغان مەكتەپلەر ئارىسىدا مەلۇم قەۋەت بولۇشقا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەكتەپنى تاللاش كېرەكمۇ، كەسىپنىمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا ئېنىق چۈشەندۈردى:

  ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالدى بىلەن مەكتەپ تاللاپ، ئاندىن كەسىپ تاللاش بىر قەدەر ياخشى تاللاش ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم باسقۇچ، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقى، ئانالىز ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپ جەريانىدا يېتىلىدۇ. يەنى ئالىي مەكتەپ مەزگىلى بۇ ئۈچ قاراش ۋە ئۈچ ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەزگىل بولۇپ، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بىراق بۇ خىل تەسىر ئۇزاق مەزگىللىك ھەم چوڭقۇر بولىدۇ.

  كەسىپ جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش، ئىقتىدار ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىراق ئادەتتە تولۇق كۇرس مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش ئانچە چوڭقۇر بولمايدۇ، كېيىنچە يەنە ئاسپرانتلىق باسقۇچىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مەلۇم كەسىپنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئۆگىنىشىنى قىلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر