باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئۈچ كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2016.05.25 12:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئادالەت مۇسا، سابىق ئىدارە باشلىقى ۋېي شىنخۇانىڭ بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېھمان كۈتۈۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئارامگاھىدا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن مېھمان كۈتۈۋالغان؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مال سېتىۋېلىش پاراۋانلىق كارتىسى ۋە بايراملىق سوۋغا تارقاتقان. ئادالەت مۇسا، ۋېي شىنخۇاغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  2. تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ فېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى. بۇ ئىدارىنىڭ يېزا تاشيول تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىگە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئىجارىگە بېرىپ، يېزا تاشيول تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجارىگە بېرىش رەسمىيىتى ئۆلچەمسىز بولغان. جاڭ فېڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى بىر كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

  3. بىڭتۈەن 13-شى قىزىلتاغ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۇچوڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، سوۋغا بېرىش مەسىلىسى. ۋاڭ جۇچوڭ قىزىلتاغ دېھقانچىلىق مەيدانى ئورمانچىلىق پونكىت باشلىقى بولغان مەزگىلدە، بوغالتىرنى ئالداپ 30 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى ئازدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغان «كىچىك خەزىنە» قۇرۇپ، يەپ-ئىچىشكە ئىشلەتكەن.

  2015-يىلى 15-دېكابىر، ۋاڭ جۇچوڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتىن چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى. (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر