- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى
2016.05.11 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مايدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى % 20 تىن % 19كە تۆۋەنلىتىلدى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى % 1.5تىن % 1كە تۆۋەنلىتىلدى. ئىجرا مۇددىتى ۋاقتىنچە ئىككى يىل بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
9 - ماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش سىنلىق يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 5 -ماي بېسىپ تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « ئۇقتۇرۇش » دېيىلىدۇ ) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئاساسلىق تۆت تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇ تۆت تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى «ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بەشنى ئاستىلىتىش، ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
«ئىككىنى تۆۋەنلىتىش» بولسا، 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى % 20 تىن % 19كە تۆۋەنلىتىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى % 1.5تىن % 1كە تۆۋەنلىتىدۇ، شەخسلەر تاپشۇرۇش نىسبىتى % 0.5، ئومۇمىي ھەق نىسبىتى % 1.5 بولىدۇ. بۇ سىياسەت ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى سىياسەت بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەھرىمەن بولىدۇ.
«بەشنى ئاستىلىتىش» بولسا، 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان ھەرقايسى جايلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، فوندتا يوچۇق كۆرۈلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ۋاقتىنچە مادارى يەتمىگەن قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ ھەم كېلىشىم تۈزۈلىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى ئىككى يىل بولۇپ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل بولىدۇ.
«ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش» بولسا، پولات - تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلىش داۋامىدا بالدۇر پېنسىيەگە چىققان خادىملار، كارخانا ۋە شەخسلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
«بىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» بولسا، بۇ يىل يەنە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى تەڭشەش توغرىسىدا بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرىچە ھەق نىسبىتى قارارى ۋە ئالاقىدار سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتىكى كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىش ئۆلچىمى ئاساسلىقى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مىسالغا ئالساق، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى بويىچە، ئىشچى - خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى، شەخسىي كۆرسەتكۈچلەشتۈرۈلگەن ھەق تاپشۇرىدىغان مائاش ۋە ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قاتارلىقلار بويىچە بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، كارخانىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ « ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى »، « ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق پەيتتە لايىقىدا تۆۋەنلىتىش »، ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى »، « ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش» تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم تەدبىر.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوندا يولغا قويۇلغان ئىككى تۈرلۈك خىراجەتنى ئازايتىش تەدبىرىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 589 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن 400 مىليون يۈەن كېمەيتىلىدىكەن، بۇنىڭغا بۇلتۇر يولغا قويۇلغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قوشقاندا، بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ يەڭگىللىتىلگەن يۈكى 1 مىليارد 102 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كارخانىلارنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغان تەننەرخى 2 مىليارد 91 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر