- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇرمۇشتىكى جىددىي قۇتقۇزۇش چارىلىرى
2016.05.11 15:41 مەنبە: خەلق تورى
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سۆڭەك سۇنۇش، كۆيۈك، توك سوقىۋېتىش، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىقلار تۇيۇقسىز يۈزبەرگەندە ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئادەم ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغاندا
سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش سۇ ئۈزگەندە ياكى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە دائىم كۆرۈلىدىغان تاسادىپىي ھادىسە، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ: تېز سۈرئەتتە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئادەمنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ھەم ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىكى غەيرىي ماددىلارنى تازىلاپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەن قىلىپ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ، نەپەس يولى ۋە ئۆپكە ئىچىدىكى سۇنى چىقىرىۋېتىش لازىم، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان ئەھۋالدا، دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش كېرەك. شارائىت يار بەرسە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىسسىق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا
ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا دەرھال ھۆل ئىسسىق مۇھىتتىن يىراقلىشىشتىن باشقا، يەنە بىر قۇتقۇزۇش چارىسىنى قوللانسا بولىدۇ. يەنى، ھۆل لۆڭگە بىلەن بېشىغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش ياكى ھۆل ئەدىيال، ھۆل كىيىملەرگە ئورىنىپ، يەلپۈگۈچ بىلەن پەلپۈپ، ئىسسىقلىقنى تېزدىن تارقىتىۋېتىش كېرەك.
كۆيۈپ قالغاندا
كۆيۈپ قالغاندا چوقۇم سالماق بولۇپ، تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ بويىچە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
چايقاش-كۆيۈپ قالغان ئورۇننى تۇرۇبا سۈيى بىلەن چايقاپ، كۆيگەن ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى.
كىيىملەرنى سېلىۋېتىش-ئەگەر بەدەن قىسمى كۈيۈپ قالغان بولسا، كۆيگەن ئورۇننى چايقاپ بولغاندىن كېيىن، كىيىملەرنى سېلىۋېتىش كېرەك، ياكى قايچا بىلەن كىسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك، ئەگەر كۆيگەن ئورۇنغا چاپلىشىپ قالغان بولسا، كىيىمنىڭ شۇ قىسىمىنى كىسىپ قالدۇرۇپ قويۇش، سۇلۇق قاپارتمىنى تىشىۋەتمەسلىك كېرەك.
يېپىش-پاكىز داكا بىلەن كۆيگەن ئورۇننى يېپىپ قويۇش كېرەك. كۆيگەن ئورۇنغا قارىغۇلارچە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورا ياكى يەرلىك رېتسىپ بويىچە دورا ئىشلەتمەسلىك، يارا ئېغىزىغا كۈنجۈت مېيى، تېتىمسۇ، چىش پاستىسى قاتارلىقلارنى سۈرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ قىلچىمۇ داۋالاش ئۈنۈمى يوق بۇلۇپ قالماي، ئەكسىچە داۋالاشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
دوختۇرخانىغا ئاپىرىش-كىچىك كۈيۈك يارىلىرىدىن باشقا ئەھۋاللاردا، ئەڭ ياخشىسى يېقىندىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر دوختۇرخانا بىر قەدەر يىراق بولسا، يارىلانغۇچىغا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكۈزۈش كېرەك.
توك سوقىۋەتكەندە
توك سوقۇۋەتكەندە ئالدى بىلەن ياغاچ كالتەك، قومۇش تاياق دىگەندەك توك ئۆتمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن يارىدارنى دەرھال توكتىن ئايرىۋېتىپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر توك سوقۇۋەتكەن ئادەمنىڭ نەپىسى، يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان بولسا، دەرھال ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە يۆتكەپ، كىيىملىرىنىڭ تۈگمىسى، بەللىكىنى يېشىپ، نەپەسنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاندىن دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن تەڭ كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. توك سوقۇۋەتكەن ئادەمدە «ساختا ئۆلۈش» ھادىسىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، تەكشۈرۈشتىن ئاسانلا ۋاز كەچمەسلىك كېرەك.
يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندە
ياز پەسلىدە ئوڭايلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يەپ سېلىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتە ئادەتتە تاماقتىن كېيىن بىر سائەتتىن بىر كۈنگىچە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۇسىزلىنىش ۋە قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇستۇرۇش يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا، ئەمما چوقۇم زەھەرلەنگۈچى سەگەك ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر زەھەرلەنگۈچى ھۇشسىز بولسا، بۇ چارىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى نەپەس يولىغا كىرىپ تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بەزىدە يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندە ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئىچى سۈرگەندە ئىلمان تۇز سۈيى ئىچىپ بېرىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر