- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەشتە رەھىمدىللىك قىلىشقا بولمايدۇ
2016.05.11 13:15 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەككەنلىك توغرىسىدىكى ئىككى پارچە خەۋەر كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىرسى، تورداشلار بىلوگىدا ئىنكاس قىلىنغان جىنەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر تەرەپتىن تاماكا چېكىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر. مەكتەپ مەسئۇلى بۇ ئىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدىغانلىقى ھەم بۇ ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشتىن ۋاقتىنچە توختىتىپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىرى بولسا، يېرىم مىنۇتلۇق كۆرۈنمە چاستوتىلىق خەۋەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئارتىس ۋېن جاڭنىڭ بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى بىر داڭقان شورپىخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىدا تاماكا چېكىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. تورداشلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ۋېن جاڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارىغاندا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 738 مىليون تاماكا چەكمەيدىغان كىشى ئۇلارنىڭ تاماكا ئىسىدىن زەھەرلەنمەكتە. جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاممىۋى زىياپەتلەردە يەنىلا تاماكا بار. نۇرغۇن كىشى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشكە سەل قارايدۇ. داڭلىق شەخس ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەپتارتماي ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چەككەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ ئىككى ئىش مەسىلىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىقىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، خالاس.
نېمىشقا تاماكا چەكلەش شۇنچە تەس؟ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى چەكلەشكە قاراپ باقساق، ئامما نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكنى ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلدى؟ بەزىلەر، پەيدا قىلغان ئاقىۋەتنىڭ ﺋﯩﻨﻜﺎسى ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن، دېدى. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن ﺋﯩﻨﻜﺎسىمۇ بىرقەدەر توغرا. گەرچە ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى تاماكىنىڭ زىيىنىدا ئۆلۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تاماكا چېكىپ دەرھاللا كېسەل بولمايدۇ، كېسەللىك ئون نەچچە يىلدىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىگە سەل قارايدۇ. بۇ گەپ مەلۇم دەرىجىدە ئورۇنلۇق. ھالبۇكى، ئىنچىكە ئانالىز قىلىدىغان بولساق، تاماكا چېكىشتىن كېلىدىغان ئاقىۋەت ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش ئارىسىدىكى ئالاقىدەك ئۇنداق بىۋاسىتە ئەمەس. كۆپىنچى كىشىلەر تەلەي سىناش خىيالىدا، بىر ئىستاكان ھاراق قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇنداقلار يەنىلار قاتناش ساقچىلىرىغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقىدۇ. بۇ خىل ئىنكاس بولسا تېخىمۇ بىۋاسىتە. ئەگەر تەكشۈرۈلسە، قاتناش قانۇن-نىزامىدا قانچە نومۇر تارتىلىدىغانلىقى، قانداق جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق يېزىقلىق، ھەتتا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارمۇ بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئارتىس گاۋ شياۋسۇڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە قاماق جازاسى بېرىلىدۇ» غانلىقى كەڭ تەشۋىق قىلىندى، بۇنىڭ ئۈنۈمى كوچىدا لوزۇنكا چاپلاپ تەشۋىق قىلغاندىن ياخشى بولدى.ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىمۇ، مۇشۇنداق ۋاقتىدا جاجىسىنى بېرىش، قانۇنغا، قاتتىق بەلگىلىمىگە تايىنىپ جاجىسىنى بېرىش لازىم. 2006-يىلىدىن باشلاپ، «تاماكا چەكلەش رامكا ئەھدىنامىسى» ئېلىمىزدە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، بىراق مەملىكىتىمىزدە ھازىرغىچە ئۆي ئىچىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە خىزمەت سورۇنىدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدىغان بىرمۇ قانۇن-نىزام ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.
ئادەمنى ئىنتىزار قىلىدىغىنى شۇكى، «ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى) چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. سەل قارىغانلارغا جازا بېرىلىدۇ، بۇنداق قاتتىق نىزام ئالدىدا كىشىلەر ئاندىن ئۆزىنى سېزىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكنى ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەيدىغان قىلغانغا ئوخشاش، بۇنىمۇ ئاستا-ئاستا ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندۇش زۆرۈر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر