باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ساقچى تەرەپ «ليەنجيا ئېزىپ قالغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى»دىن گۇمانلاندى

ليەنجيا «ئېزىپ قالغان بالىلارنى قوغداش پونكىتى» قۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتتى، نۇرغۇن جايدىكى ساقچى تەرەپ بۇنى ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، دەپ كۆرسەتتى

2016.05.03 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار كوچىدا ئېزىپ قېلىپ، ئۆيىدىكىلىرىنى تاپالمىغاندا، ساقچىلاردىن ياردەم سورىشى كېرەكمۇ؟ ياكى داڭلىق كارخانىنىڭ دۇكىنىغا كىرىشى كېرەكمۇ؟ يېقىندا ليەنجيا تورى ئېزىپ قالغان بالىلارنىڭ ليەنجيا شىركىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە 6000 دۇكىنىغا كىرىپ ياردەم سورىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىش ناھايىتى زور مۇنازىرە قوزغىدى، نۇرغۇن جايدىكى ساقچى تەرەپ بۇنى كارخانىلارنىڭ بازارلاشتۇرۇشتىكى كۆپتۈرۈشى، ئاممىنى قايمۇقتۇرىشى، بالىلار ئېزىپ قالغاندا ئەڭ ياخشى تاللاش ئۆز جايدا تۇرۇپ، ساقچىلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ساقلاش، دەپ قارىدى.

  يېقىندا، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك كارخانىسى ليەنجيا ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر توردا كەڭ تارقالدى، ھەتتا بىرمۇنچە داڭلىق مىكرو بىلوگلار كۆچۈرۈپ تارقاتتى. بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ليەنجيانىڭ مەملىكەتتىكى 6000 دۇكىنى رەسمىي ھالدا جۇڭگودا ئېزىپ قالغان بالىلارنى قوغداش پونكىتى بولىدۇ، بارلىق دۇكانلار قوغداش پونكىتى بەلگىسىنى چاپلاپ، بالىلارنىڭ ياردەم سورىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ، دېيىلدى. ليەنجيا تەرەپ، بالىلار ليەنجيانىڭ دۇكىنىغا كىرسىلا، ۋاقتىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشالمىغان تەقدىرىدىمۇ، ئالداپ سېتىۋېتىلمەيدۇ ياكى كېلىشمەسلىككە يولۇقمايدۇ، دېدى. ليەنجيا، ئەگەر ئېزىپ قېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاپالمىغاندا، كوچىدىكى ليەنجيا دۇكىنىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر قوغداش پونكىتى ئىكەنلىكىنى، يۈز نەچچە مىڭ ليەنجيا خىزمەتچىسىنىڭ بالىلارنى قوغدىغۇچى ئىكەنلىكىنى ھەربىر بالىغا ئېيتىشنى مۇراجەت قىلدى.

  بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ھەم نۇرغۇن كارخانىلارمۇ «ئېزىپ قالغان بالىلارنى قوغداش پونكىتى» قاتارىغا قوشۇلۇپ، يوقاپ كەتكەن بالىلارنى ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ياردەم سوراشقا دەۋەت قىلدى.

  بىراق بۇ ئۇچۇر مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردىكى ساقچى تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. چوڭچىڭ تور ساقچىلىرى دەرھال «ليەنجيا، ئېزىپ قالغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىدىكى خاتا تەشۋىقاتنى توختات، بۇ بازارلاشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ساھە ئەمەس» دېگەن تېمىدا ئۇزۇن يازما يوللىدى.

  يازمىدا، بالىلار ئېزىپ قالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنى ئۆز جايىدا تۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزدىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش، تېلېفون ئارىيەتكە ئېلىپ 110غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى، دېيىلدى، ھەمدە ليەنجيانىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. «بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىن يېزا، مەھەللىلەرگىچە ساقچىلار، ساقچىخانا يېنىمىزدىلا بار، بىراق ليەنجيانىڭ 6000 دۇكىنى پەقەت چوڭ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەردىلا تارقاق جايلاشقان، ھەتتا قولىدا يول باشلاش سىستېمىسى بار چوڭلارمۇ دەرھال تاپالىشى ناتايىن، يول تونۇمايدىغان بالىلارغا كوچىدا يوقاپ كەتكەن بالىلارنى قوغداش پونكىتىنى تاپقۇزۇشنىڭ مەقسىتى نېمە؟» جياڭسۇ تور ساقچىلىرىمۇ ئوخشايدىغان باھا ئېلان قىلىپ، ئاۋامنى قايمۇقتۇرىدىغان تەشۋىقاتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىپ، «ئېزىپ قالغان بالىلارنى ئىزدەش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەممە كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، بۇ ھەرگىزمۇ بازارلاشتۇرۇش كۆپتۈرمىچىلىك ئويۇنى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك»، دېيىلدى.

  4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ليەنجيا تەرەپ بايانات ئېلان قىلدى، بىراق ساقچى تەرەپنىڭ باھاسىغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. بۇ باياناتتا، «يوقاپ كەتكەن بالىلارنى قوغداش پونكىتى» CCSER بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن سېگنال بېرىش سۇپىسىىڭ نۇرغۇن زەنجىرسىمان تىجارەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە باشلىغان، ئېزىپ قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى، بۇ سېگنال بېرىش سۇپىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ پىلاننىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنىنى ئاشكارىلايدۇ، دېيىلدى. ليەنجيا تەرەپ، 6000 دۇكاننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئېزىپ قالغان بالىلارنىڭ تېزلىكتە ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ساقچىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش، دېدى.

  ساقچى تەرەپنىڭ گۇمانلىنىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «يوقاپ كەتكەن بالىلارنى قوغداش پونكىتى»غا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باشقا كارخانىلارمۇ رەددىيە بېرىشكە باشلىدى. مەلۇم يەر-زېمىن كارخانىسى، بۇ پائالىيەتنى قىسمەن دۇكانلار باشلىغان، ئورگان تەرەپ تەشكىللىگەن ئەمەس، دېدى. مەلۇم مال توشۇش شىركىتىمۇ بۇ شىركەت دۇكانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنى قوغداش پونكىتى بولمىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئېزىپ قالغاندا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر