باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى» ئاممىۋىي سورۇن

2015.12.28 12:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېمىسى: «دوستلار چەمبىرىكى» پارتىيە ئىنتىزامىنى ساقلاشتىن مۇستەسنا ئەمەس

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ۋەقە مىسالى:

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى «جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەت گېزىتى» باش بېتىدە «پارتىيە ئەزالىرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە مەركەزنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى قالايمىقان ئەيىپلەشكە بولامدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە شەرقىي قىسىمدىكى مەلۇم شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ Xئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى»دە بىر پارچە ماقالىنى ئۇلاپ تارقاتقان ھەمدە باھا يېزىپ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»گە قالايمىقان ھۇجۇم قىلىپ، ئاشكارا ئىنكار قىلغان. ۋۇ Xنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ، دوستلىرى ھەرخىل بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ نۇقتىئىينەزىرى كەڭ تارقىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. ۋۇ X «مەركەزنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى قالايمىقان ئەيىپلەپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان» بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئىنتىزام چارىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.

  خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تورداشلار، ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى» شەخسىي بوشلۇق، دېدى؛ يەنە بەزىلەر، ئىنتىرنېت دەۋرىدە ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ ئۆزى ئاممىۋىي بوشلۇق، پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىۋىي سورۇندا قارىشىنى ئېلان قىلغاندا چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي بوي سۇنۇش كېرەك، بۇ ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق، دەپ قارىدى.

  پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى» ئاممىۋىي سورۇندۇر

  ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى» چەمبىرەكتىكى دوستلارنىڭ ئۈزۈندىلىرى، ھەرخىل ماقالە ئۇچۇرلار توپلاشقان، ئالاقە-پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سۇپىسى بولۇپ، ئېنىقكى چەمبىرەك ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ «ئاممىۋىي سورۇنى»دۇر. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاممىۋىي شەخس بولۇپ، ھەربىر سۆز ھەرىكىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى نەزىرىگە ئالماي، ئۈندىدار چەمبىرىكىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى قالايمىقان ئەيىپلىشى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»غا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، ھەمدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، بۇ چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ گەپ سۆزىدە «چېگرا ئېڭى» بولۇشى كېرەك

  «گەپ-سۆز ئەركىنلىكى __ چېكى بار ئەركىنلىك»، ئادەتتىكى پۇقرالارغا شۇنداق، پارتىيەلىك كادىرلارغا تېخىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ يېڭى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن «بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» پارتىيە نىزامىنىڭ پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ئىنتىزام تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىدى ھەمدە ئىنچىكىلەشتۈردى. پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامى بەلگىلىگەن تۆۋەن چەكنى ساقلىشى، ئۆز ئۆزىنى رۇسلاپ، پارتىيە نىزامىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق تىكلىشى لازىم.

  خېبېي ئاخبارات تورى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»نىڭ 19-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، سۆز ئەركىنلىكى ئاساسلىق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز تەشەببۇسى بولۇش ھۇقۇقى بار، دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، ھەربىر كىشىنىڭ ئەركىن ھالدا پىكرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بار. بۇ ھەرگىزمۇ گەپ-سۆز ئەركىنلىكىنىڭ چېگراسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. قانۇندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، پۇقرالار گەپ-سۆز ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىنجتىمائىي تەرتىپكە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار قائىدە ئىنتىزامغا بوي سۇنۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋۇ X «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»دىكى پارتىيەلىك كادىرلار «مەركەزنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى قالايمىقان ئەيىپلەپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش»قا بولمايدۇ، دېگەن بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان.

  تورداشلار پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي بوي سۇنۇشقا مۇراجەت قىلدى

  رەھبىرىي كادىرلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە خاتا گەپ سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقتىن ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغانلىق ئىشى جامائەتنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى، تورداشلار مۇناسىۋەتلىك پاراڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ مۇلاھىزە قىلدى. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: %98تورداشلارنىڭ قارىشىچە، پارتىيە ئىنتىزامىغا بوي سۇنۇش ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسىغا قويۇلغان ئەڭ ئاساسىي تەلەپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىۋىي سورۇندا ھەرقانداق قاراشنى ئېلان قىلغاندا چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي بوي سۇنۇشى كېرەك، بۇ ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق؛ %89تورداش، پارتىيە ئىچىدە يەنە بەزى بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيىۋىيلىكنى، پارتىيە ئىنتىزامىنى نەزەرگە ئالماي، توردىكى «دوستلار چەمبىرىكى»دە قىزىل سىزىقنى بېسىپ ئۆتۈپ، قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ بىلدۈردى؛ %57تورداش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تور بوشلۇقىدا باھا ئېلان قىلىش، ماقالە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى بار، بىراق ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشى بىلىشى، پارتىيەلىك مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى، مەركەزنىڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىغا خىلاپ ماقالىلەرنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقى كېرەك، دېدى؛ 46%تورداش تەكىتلەپ، ئۈندىدار «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ تاراتقۇ خارەكتېرى بار، ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ بەكرەك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيىۋىيلىك سەۋىيەسى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، دېدى؛ %34تورداش، پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ئاڭلىق ھالدا يالغان گەپ-سۆزلەرنى چەكلىشى لازىم، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق تۈردىكى قانۇنغا خىلاپ گەپ سۆزلەرنى ئېلان قىلىشنى چەكلەپ، ياخشى بولغان جامائەت ئىكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىم، دەپ تەكلىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە %15تورداش باشقا قاراشلارنى ئىپادىلىدى. خۇددىي مەلۇم تورداشنىڭ ئەسكەرتكىنىدەك، دۆلەتنىڭ چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى قالايمىقان تەنقىتلەيدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم، ئوخشاشلا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ كونكېرت ئىجرا قىلىش جەريانىدا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. (خەلق تورى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جېڭ گۇاڭكۇي)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر