- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
Windows ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ ئېلان قىلىندى
2015.09.21 10:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مېھرىگۈل خېلىل تەرجىمىسى) يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالى (iOS نۇسخىسى ۋە Android نۇسخىسى)، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ (Android نۇسخىسى) تىن كېيىن يەنە مۇستەقىل ھالدا Windows ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى ياساپ چىقتى. بۇ يۇمشاق دېتال دۆلىتىمىزدىكى كومپىيوتېردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى تونۇيدىغان كىرگۈزگۈچ ھېسابلىنىدۇ.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا ئۇيغۇرچىنى كونۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش بىلەن خەنزۇچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۇيغۇرچىنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى.
ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp )، ئابونتلار كومپىيوتېرىغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە:« بۇ دېتال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كىرگۈزۈشتىن ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچكە ئالماشقان بولۇپ، كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خاتالىق نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.
كېيىنكى قەدەمدە، تەرجىمە ئىدارىسى مەزكۇر دېتالنىڭ ئىقتىدارلىرىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېۋىلەرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى
2015-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر