باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن قاتناشنى قوغداش چىكىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ

2015.06.08 13:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يىلدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كەلدى، يېقىندا بېيجىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە : 8-ئىيۇن ئاخىرقى نومۇرى 1 بىلەن 6 بولغان نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىشى چەكلەنگەن. ئىلگىرى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز يەتكۈزىدىغان ئاپتوموبىللار قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، قولىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنشكىسى بولسا جازا كەچۈرۈم قىلىناتتى. بۇ يىل چوقۇم شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نۇمۇر چەكلەپ يولغان چىقىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

  توسۇلۇپ قالغان يول بۆلىكىدە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، نورمال يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر. لېكىن نۇرغۇن جايلاردا ساقچى ئاپتوموبىلى ھە دېسىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا يول ئېچىپ بېرىپ سەل چىكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن. ساقچى ماشىنىسىنىڭ قوغداپ مىڭىشدا مۇناسىپ قائىدە بەلگىلىمە بار قائىدىنى خالىغانچە بۇزۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھەممىنى ئاتلاندۇرۇش ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ روھىي بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. يولغا چىقىشنى چەكلەشكە كەلسەك بۇ بىر ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە قائىدە، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنى بۇزماسلىق كېرەك. ئەگەر ئىمتىھان قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلسە،بۇنىڭ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېنىك دەرىجىدە «ساراڭلىق»كۆرۈلىدۇ، قائىدە ۋە ھوقۇققا ئېتىبارسىز قارايدۇ، « ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ»دەپ ئىشىنىدۇ. ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى« ۋەتەن ئۈچۈن ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاش» ئىدى، بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى سەرپ قىلىش ۋە شەرتسىز سەپلەش ئەقىلگە مۇۋاپىق . لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىڭ رولى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسىي ئاڭنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت « ھەممە ئىشتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يول بېرىش» ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك پوزىتسىيەنى نامايان قىلدى.

  ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرساق، زىيادە قوغداش كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ پىسخىكىلىق جىددىيلىشىش تۇيغۇسى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار سىرتقى مۇھىتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن بۇنداق ھەددىدىن زىيادە ياردەم ئەكسىچە ئۇلارنىڭ جىدىيلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ.نېگىزىنى ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بولغان زىيادە جىددىيلىك ھېسياتىنى ۋە زىيادە قوغداش ئېڭىنى سۇسلاشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر