باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خارۋاردتىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ساقلانماقتا

2015.05.25 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خارۋارد يەنە ئەرز قىلىندى، بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. شۇ يەر ۋاقتى 15-ماي ئامېرىكىدىكى 64 ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلار ئويۇشمىلىرى بىرلىشىپ ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە مەمۇرىي ئەرز سۇنۇپ، خارۋارد ۋە باشقا پىچەكگۈل ئىتتىپاقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ «ئىرق نورمىسى» بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ، ئوخشاش شارائىتتا، باشقا ئىرقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسىيالىقلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى بارلىقىنى ئەيىپلىدى.

  «تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قانۇنى» ئامېرىكا ھۆكۈمېتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا، شىركەتلەر خادىم قۇبۇل قىلغاندا ياكى ئۆستۈرگەندە، ھۆكۈمەت خېرىدار چاقىرغاندا ئاز سانلىق ئىرق ۋە ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر بۇ ئاساستا قۇبۇل قىلىش نورمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق ئىرقلارنى نورما بويىچە (پۈتۈنلەي ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارىماي) ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلغان.

  2009-يىلى پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جەمئىيەت پەنلىرى تەتقىقاتچىسى توماس پېڭشاد ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدېشى ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار 1997-يىلىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئاسىيا پۇشتىدىن بۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە كىرمەكچى بولسا، SAT نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرغا يېقىنلاشقان 1550 نومۇر بولۇشى كېرەكلىكى، ئەمما ئاق تەنلىكلەر ۋە ئافرىقا ئىرقىدىكىلەرنىڭ بولسا ئاران 1410 نومۇر ۋە 1100 نومۇر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  ئوبزورچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان SAT نومۇرى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتىپ كەمسىتىشىدىن ئەمەسكەن. قىسمەن سەۋەبلەر بىرى ئاسىيالىقلار باشقا تەرەپلەردە خاسلىقى، ئىقتىدارى ۋە يۇشۇرۇن كۈچى كەمچىل ئىكەن، ئۇلار ئىمتىھان بېرىشكە ئۇستا بولغان بىلەن باشقا تەرەپلەردە باشقىلارغا قارىغاندا ناھايىتى ئاجىز ئىكەن. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىلتىماسىدا تېخىمۇ كۆپ پۇل تۆلەپ ئۆزىنىڭ «يېڭىلىقى يوق ئاسىيالىق»نىڭ بىرى بولۇپ كۆرۈنۈشىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر