باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مىللىي تەنتەربىيە ۋە پوسكامچە «كىچىك ئالما»

2015.05.25 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشتا ئامما ياقتۇرىدىغان ۋە بىلىدىغان پائالىيەتلەردىن باشلانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  8-نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2014-يىلى 12-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە سانجىدا ئۆتكۈزۈلدى. مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بىر قىسىم تاماشىبىنلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي مۇسابىقە كۆرگىلى كەلدى.

  شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە باشلانغاندا، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق بەش مۇسابىقە تۈرى بار ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مۇسابىقە تۈرى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ، مۇسابىقە تۈرىدە ئىلەڭگۈچ، ئوقيا ئېتىش، ياغاچ پۇتتا مېڭىش، تەپكۈچ، تۆگە بەيگىسى، خەلقئارالىق شاھمات قاتارلىق 14 چوڭ تۈر بار. ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە داۋازلىق، توخو سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە تۈر بار، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى 849 نەپەر بولۇپ، تارىختا ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان بىر قېتىملىقىدۇر.

  مىللىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىنلا كۆپ قىسىم تۈرلەرنىڭ قۇملۇق باياۋانلاردا تەرەققىي قىلغان، كۆپىنچىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئېتىزلاردا بوش ۋاقىتلاردىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

  يېقىندىن بۇيان، پوسكامچە «كىچىك ئالما» ئۇسسۇلى توردا بەكلا قىزىپ كەتتى. ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى، دېھقانلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن كىشىلەر «كىچىك ئالما» مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، مودا ئۇسسۇل ۋە مەشرەپ ئۇسسۇلى بىرلەشكەن مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە ئۇسسۇلنى ئويناپ چىقتى. قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە، تېڭشۈن تورىدىكى چېكىلىش سانىلا 62 تۈمەندىن ئاشتى. مېۋە ـ چېۋە ماكانى بولغان يۇرتىمىزدا «كىچىك ئالما»، «چوڭ ئالما»نىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىغا تارقالدى، ئەگەر ئالدىنقى ئايدا ئاخىرلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە ئەمدىلا باشلانغان ئاپتونوم رايونلۇن مىيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سەردارلار تەنتەربىيەسى دېسەك، ئۇنداقتا، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى تەنتەربىيە كۆپچىلىكنىڭ شۇنداقلا ئاممىنىڭ، مانا بۇ تەنتەربىيەنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى ۋە يىلتىزى. ساغلام مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسسۇلىنى تەرغىپ قىلىشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشى ۋە ئاكتىپلىقى، ئاممىغا تونۇشلۇق تەرەپتىن قول سالغاندا ھەسسىلەپ ئۈنۈم ئالغىلى بولىدۇ. مەدەنىي ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت شەكلىنى قانداق بىرلەشتۈرۈشتە پوسكامچە «كىچىك ئالما» بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. پۈتۈن ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى، پۈتۈن ئاممىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقۇسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر