خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):ئۇيغۇر تىبابىتى_ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كېسەللىكلەر بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن مېدىتسىنا سېستىمىسىدۇر.ئۇيغۇر تىبابىتى مول تەجىربە ئاساسىغا ۋە ئۆزىگە خاس نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋىي تىببىي ئىلىمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمىنىڭ بىرى.
مەمەتئىمىن ئەلى ئۇيغۇر تىبابىتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئېلىخان سەئىدى ئەخمەد شىنجاڭدىكى داڭلىق ئۇيغۇر دوختۇر شۇنداقلا جەمەتىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر تىبابىتى ۋارىسى. مەمەتئىمىن بەش يېشىدىن باشلاپ بوۋىسىغا ئەگىشىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆيىگە كىرىپ-چىقىۋاتقان ئاغرىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەل ئازابىنى شۇنداقلا بوۋىسىنىڭ داۋالىشىدىن كېيىن ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران بولغان ۋە كاللىسىدا «بۇ كەسىپ كىشىلەرنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىدىغان مۇقەددەس كەسىپ ئىكەن» دېگەن ئاڭ شەكىللەنگەن.
1974-يىلى، مەمەتئىمىن بوۋىسىنىڭ باشلىشى بىلەن تېخى يېڭى قۇرۇلغان خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا كېلىدۇ. 41يىلدىن بۇيان ئۇ تۈركۈملىگەن تىببىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۇ تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىدىلا ئۇنىڭ 40 شاگىرتى بار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىدىكى تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى.مەمەتئىمىن ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى تومۇر تۇتۇش، كېسەللىك ئالامىتىنى ئىگىلەش، خىلىتنى تەڭشەش، نەپەسنى ئاڭلاش قاتارلىق تېخنىكا ئاساسىدا كۆپلىگەن يېڭى تېخنىكىلانى، ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى ھازىرقى زامان تىبابىتىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇردى.
مەمەتئىمىننىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىدى. ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى گەرچە غەربچە تىبابەتنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، دادىسىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئەنئەنۋىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى كەسپىنى تاللىماقچى.
مەمەتئىمىن 5-تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك پېشقەدەم جۇڭگو تىبابىتى ۋە دورىگەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ۋارسلىق قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. ئۇ خۇلاسىلەپ تۈزۈپ چىققان «ئۇيغۇر تىبابىتى ئەمەلىي داۋالاش قوللانمىسى» بىلەن « دائىم كۆرۈلىدىغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش» دېگەن ئىككى كىتاب شىنجاڭ سەھىيە نەشىرياتىغا يوللىنىپ، يېقىندا نەشىردىن چىقىش ئالىدا تۇرماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى