باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

نېغمەت تۇنجى قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشماقچى

2015.02.05 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5- فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرى ئىلگىرىكى 5 ئادەمدىن 8 ئادەمگە كۆپىيىپ، ئىلگىركى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن باشقا يەنە بىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ياش كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەتمۇ قوشۇلماقچى.32ياشلىق ئۇيغۇر رىياسەتچى نېغمەتمۇ تۇنجى قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىدۇ،ئۇ «پۈتۈن ئائىلىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش» «ئەكس سادا ياڭرايدۇ»«تەلەي ئىشىكىنى ئېچىش»قاتارلىق پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىغان،ھەم 2014-يىلى 10-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەر رىياسەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،ئۇزاقتىن بويان ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان رىياسەتچىلىك ماھارىتى بىلەن كۆپ كۆرۈنمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى،ئۇنىڭ جانلىق، تەبىئىي، شوخ ،يېقىملىق ئۇسلۇبى كۆرۈنمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر بەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭ قاتنىشىشى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقۇسى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر