باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

فلامېنگو ئۇسلۇبىدىكى ئويغۇر مۇزىكانت ئېكرام «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پروگراممىىسىدا

2014.08.27 09:06   مەنبە: خەلق تورى

فلامېنگو ئۇسلۇبىدىكى ئويغۇر مۇزىكانت ئېكرام «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پروگراممىىسىدا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مەلىكەمنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 22-ئاۋغۇست «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پروگراممىسىدا تۇرپاندىن كەلگەن 36 ياشلىق ئېكرام ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن «قەلبىمدە باشقىسى ئەمەس پەقەت سەنلا بار» دېگەن ناخشىنى ئورۇندىدى، نا يىڭ ئۆرۈلۈپلا «بەك تەسىرلىك ئېيتتىڭ، مەن سەندەك ئېيتالمايمەن» دېدى. چى چىن بىلىن ياڭ كۈنمۇ ئولتۇرالمايلا قالدى. ئېكرام مۇزىكا ئارزۇسى ئۈچۈن يۇرتىدىن، ۋەتەندىن ئون يىل ئايرىلغان. شىنجاڭ سەھرالىرىدا چوڭ بولغان بۇ يىگىت يىراق ئىسپانىيەگە بېرىپ، فلامېنگو ئۇسلۇبىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئويغۇر كۈيلىرىدىكى يۇرت سېغىنىش تۇيغۇلىرىغا سىڭدۈرۈپ، يىتەكچىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشكەن، ئىكرام ئاخىرى ياڭ كۈنغا قوشۇلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز