باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>12-بەش يىلغا قەدەم

ئېلىمىز 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىمارەت مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتتى

2013.02.13 18:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: يېقىندا «يېشىل بىناكارلىق ھەرىكىتى لايىھەسى»نى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش، مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساسلىق مەزمۇننىڭ بىر يۈرۈش يېشىل بىناكارلىق ۋەزىپىسى قىلىدۇ.

  12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يېڭىدىن بىر مىليارد كىۋادرات مېتىر يېشىل ئىمارەت سېلىش، 2015-يىلى شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەر ئىچىدە يېشىل ئىمارەتنىڭ نىسبىتىنى %20كە يەتكۈزۈش نىشانىنى تاماملاش ئۈچۈن، ئېلىمىز يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىدۇ. «لايىھە»دە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاش، شەھەر بازارلاردا يېشىل ئىمارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل دېھقانلار ئۆيى سېلىش، ئېنېرگىيە تېجەشتىكى مەجبۇرىي ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  لايىھەدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ بىنا سالغاندا، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەر ۋە ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى كاپالەتلىك تۇرالغۇ شۇنداقلا يەككە يەر كۆلىمى 20مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى بىنالاردا 2014-يىلدىن باشلاپ يېشىل بىناكارلىق ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدۇ.

  بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لايىھەدە «ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىسسىق ئۆي» قۇرۇلۇشىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئاممىۋى بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇش، يازدا ئىسسىق قىشتا سوغۇق ۋە يازدا ئىسسىق قىشتا ئىللىق رايونلاردىكى تۇرالغۇ بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش، بىنالارنى ئېنېرگىيە تېجەشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

  ئېلىمىز يەنە شەھەر بازارلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىسسىقلىق مەنبىي ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش تورىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز يىرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارخانا، سانائەتتىكى كېرەكسىز ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە