باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ خىزمىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك

2017.07.03 14:58   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ خىزمىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭدا شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ خىزمىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى، قوشۇن تۇرغۇزۇش قانۇنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  گۈزەل ياز پەسلىدە شياڭگاڭدىكى داماۋ تېغى ئېتىكى يېشىللىققا تولغان، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ئورۇنلاشقان شىگاڭ گازارما رايونىدا قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى. ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەيدانىدا نەچچە يۈز قىزىل بايراق جەۋلان قىلىۋاتاتتى. «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> ئۇلۇغ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىمىز، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغدايمىز»، «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، شياڭگاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان غايەت زور پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىن ھەربىي پارات كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق مېھمان دۆلەت بايرىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، مۇھىم پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ
    ·مەركەز 72 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قوش…
    ·يالغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئاگاھ بولۇڭ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك